قىرغىزىستان خىتايلارنىڭ ئۈزلىكسىز ياردىمىگە ئېرىشمەكتە


2004.12.24

خىتاي ھەربىي دائىرىلىرى يېقىندا قىرغىزىستان چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرىغا يەنە 2 مىليون يۈئەن قىممىتىدىكى ھەربىي تېخنىكىلىق بۇيۇملار ۋە ماددى ئەشيالار ياردەم قىلدى.

ئىككى تەرەپ چېگرا مۇداپىئە دائىرىلىرى 22 - دېكابىر كۈنى بېشكەكتە كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەت چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرىنىڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش، شۇنداقلا 2005 - يىلى ئېلىپ بارىدىغان ھەمكارلىق پائالىيەتلىرى بويىچە سۆھبەت ئېلىپ بارغان. قىرغىزىستان دۆلەت ئاخبارات ئاگېنتلىقى "قابار" نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ياردەم قىلغان بۇيۇملار ھەربىي تېخنىكىلىك بۇيۇملار، ماددى ئەشيالار ۋە ئالاقە ئەسۋابى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. "قابار" ئاخبارات ئاگېنتلىقى، 22 - دېكابىر كۈنى بېشكەكتىكى قىرغىزىستان چېگرا مۇداپىئە باش شتابىدا ئۆتكۈزۇلگەن يىغىنغا، خىتاي تەرەپتىن گېنېرال مايور شىن لىخۇئانىڭ قىرغىزىستان تەرەپتىن گېنېرال مايور نۇردىن چۇمويېفلارنىڭ قاتناشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

بۇ قېتىمقى سۆھبەتنىڭ سەل ئالدىدا، قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى مەركىزى بېشكەكتىكى ئۇيغۇر ئىتتىپاقىنىڭ قىرغىز دۆلەت تىياتىرىدا ئاممىۋى پائالىيەت ئۆتكۈزۈشىنى چەكلىگەن. ئۇيغۇر ئىتتىپاقى 17 - دېكابىر كۈنى قىرغىزىستان دۆلەت تىياتىرىدا مەزكۇر تەشكىلات قۇرۇلغانلىقىنىڭ 15 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزمەكچى بولغان. بىراق قىرغىزىستان دۆلەت سېكرىتارى ئىبراھىموف، قىرغىز دۆلەت تىياتىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىتتىپاقىغا بېرىلىشىنى چەكلىگەن. ئىبراھىموف، ئىتتىپاق رەئىسى روزى مەمەت ئابدۇلباقىيېفنىڭ "ئېقىم" گېزىتىگە بەرگەن باياناتىدىكى "ھەر بىر ئۇيغۇر كەلگۈسىدە ئۇيغۇرىستان ياكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىل بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ،" دىگەن سۆزى، خىتاي - قىرغىزىستان مۇناسىۋەتلىرىنى مۇرەككەپلەشتۈرىۋەتتى، دەپ كۆرسەتكەن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.