خىتاي، يېڭى قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىنىڭ داۋاملىق "تېررورچى" لارغا زەربە بېرىشتە ھەمكارلىشىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ
2005.03.29
خىتاي ھۆكۈمىتى سەيشەنبە كۈنى قىرغىزىستان يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ " تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش" تا بېيجىڭ بىلەن ھەمكارلىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. خىتاي ھۆكۈمىتى دائىم ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنى "تېررورچىلىق" بىلەن ئەيىبلەيدۇ.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ليۇ جەنچاۋ باياناتىدا "بىز قىرغىزىستان بىلەن بولغان خوشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتىمىزنىڭ دەخلى- تەرۇزغا ئۇچرىماسلىقىنى، شۇنداقلا تېررورچىلىققا قارشى ھەمكارلىقىمىزنىڭ داۋاملىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز"، دېدى.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرىشىچە، قىرغىزىستاننىڭ تەختتىن چۈشكەن پرېزىدېنتى ئەسقەر ئاقايېف خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىنى باستۇرۇشىدىكى كۈچلۈك قوللىغۇچىلىرىنىڭ بىرى ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ ھاكىمىيىتىدىن پايدىلىنىپ، قىرغىزىستانغا يوشۇرۇنغان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى تۇتقۇن قىلغان.
بىر قىسىم ئانالىزچىلار، يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ قىرغىزىستاننىڭ تاشقى سىياسىتىدە ئۆزگىرىش ياسىماسلىقى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. بىراق، قىرغىزىستاننىڭ يېڭى رەھبەرلىرى تېخى خىتاي بىلەن مۇناسىۋىتىدىكى مەيدانىنى ئوچۇق بىلدۈرمىدى. نۆۋەتتە ھوقۇق ئىگىلىگەن قىرغىزىستان ئۆكتىچىلىرىنىڭ رەھبەرلىرى ئىلگىرى ئەسقەر ئاقايېف ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلىشىپ، ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىنى باستۇرىشىنى تەنقىد قىلغان ئىدى. (ئارزۇ)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ھۆكۈمىتى قىرغىزىستان بىلەن ئۇيغۇر ئېلى ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا ئېغىزلىرىنى تاقىدى
- شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تاشقى ئىشلار باشلىقلىرى يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
- ھىندىستان بىلەن خىتاي ھەربىي ھەمكارلىقلىرىنى كۈچەيتمەكچى
- قىرغىزىستان خىتايلارنىڭ ئۈزلىكسىز ياردىمىگە ئېرىشمەكتە
- تاڭ جياشۈئەن قىرغىزىستاننى زىيارەت قىلدى