قىرغىزىستان تاشقى ئىشلار مىنستىرى
2007.08.04
قىرغىزىستان تاشقى ئىشلار مىنستىرى ئادنان قارابايىف، يېقىندا قىرغىزىستاندا بىر خىتاي پۇقراسىنىڭ جاسۇسلۇق پائالىيىتى بىلەن تۇتۇلغانلىقىنىڭ خىتاي- قىرغىزىستان مۇناسىۋەتلىرىگە تەسىر يەتكۈزمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
قارابايىف 3- ئاۋغۇست كۈنى بېشكەكتە ئازاتلىق رادىئوسى مۇخبىرىنىڭ قىرغىزىستاندىكى خىتاي جاسۇسلۇق سەتچىلىكىنىڭ خىتاي-قىرغىزىستان مۇناسىۋەتلىرىگە تەسىرى ھەققىدىكى سوئالىغا بەرگەن جاۋابىدا": خىتايغا جاسۇسلۇق قىلغان دېگەن كىشى، قىرغىزىستاننىڭ يېڭى ئاساسى قانۇن لايىھىسى بىلەن تۇتۇلغان. مېنىڭچە ئاساسىي قانۇن لايىھىسى ۋە پارلامېنتنىڭ خىزمىتى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار مەخپى ئۇچۇر ھېسابلانمايدۇ"، دېدى.
جاسۇسلۇق سەتچىلىكىنىڭ قىرغىزىستان-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە تەسىر يەتكۈزمىگەنلىكىنى تەكىتلىگەن قىرغىزىستان تاشقى ئىشلار مىنستىرى،" مەزكۇر جاسۇسلۇق سەتچىلىكى ئوتتۇرىغا چىققان مەزگىلىدە قىرغىزىستاننى زىيارەت قىلىۋاتقان خىتاي تاشقى ئىشلار مىنستىرى بىلەن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەققىدە نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدۇق ھەمدە خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇجىنتاۋ نىڭ 15-ئاۋغۇست كۈنى قىرغىزىستاننى زىيارەت قىلىدۇ. قىرغىزىستان -خىتاي مۇناسىۋەتلىرى تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ. جاسۇسلۇق سەتچىلىكى بۇنىڭغا توسالغۇ بولالمايدۇ" دەپ كۆرسەتتى.
قارابايىف، بېىشكەكتە ئۆتكۈزۈلىدىغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىدا، ماناستىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىسى مەسىلسىى ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى مۇمكىنلىقىنى ئەسكەرتىپ، " ھەممە دوستلىرىمىز ، بۇ بازىنىڭ ئافغانىستاننىڭ قايتىدىن قۇرۇلۇشى جەريانىدىكى رولىنى ياخشى بىلىدۇ." دېدى.
قىرغىزىستاننىڭ تېررورچىلىققا قارشى خەلقئارا ئىتتىپاقنىڭ بىر ئەزاسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن قارابايىف، "ماناس ئايرىدۇرۇمى بىزنىڭ خەلقئارا تېررورچىلىققا قارشى پائالىيەتلەرگە قوشقان ھەسسىمىز . بۇ يەردىكى ھەربىي بازىدىن تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇش بىلەن مۇناسىۋەتسىز ھەرىكەتلەردە پايدىلىنىشقا بولمايدۇ، دەپ كۆرسەتتى. (ئۆمەر قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ياپونىيە قىرغىزىستانغا ئاكتىپ ياردەم بېرىدۇ
- بىشكەك سەنئەتكارلىرى شاڭخەي ھەمكارلىقىنىڭ يىغىنىغا جىددىي تەييارلىق قىلماقتا
- قىرغىزلار بىلەن ئۆزبېكلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت بارغانسېرى جىددىيلەشمەكتە
- ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى قىرغىزىستاننى زىيارەت قىلماقچى
- قۇلۇپنىڭ قىرغىزىستاننى رۇسىيىگە قېتىش تەكلىپى مەركىزى ئاسىيالىقلارنىڭ ئىنكاسىنى قوزغىدى
- ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ دېموكراتىك مەركىزى - قىرغىزىستان
- قىرغىزىستان ئۆكتىچىلىرىنىڭ ئالاتاۋ مەيدانىدىكى نارازىلىق ھەركىتىنى داۋاملاشماقتا
- قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى خىتاي بىلەن قىرغىزىستاننىڭ بىرلەشمە باياناتىدىن نارازى بولدى
- قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ئۇيغۇرلار ئۆزبېكلەشمەكتە