قىرغىزىستان سوتى خىتايغا مۇناسىۋەتلىك جاسۇسلۇق دېلوسىنى بىر تەرەپ قىلدى
-
2008-02-24 -
-
-
22-فېۋرال كۈنى قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەكنىڭ بىرىنچى ماي رايونلۇق سوتى قىرغىزىستان يۇقىرى كېڭىشى ئاخبارات ئورگىنىنىڭ خادىمى زىپارگۇل ئارىكوۋاغا ئارتىلغان "دۆلەتكە خائىنلىق قىلغان ۋە ھۆكۈمەت ئۇچۇرىنى چەتئەل ئورگانلىرىغا بەرگەن" دېگەندەك جىنايەتلەرنى قاراپ چىقىپ، ئاخىرىدا ئۇنىڭغا ئۈچ يىللىق ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بەرگەن.
پەرغانە ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرلىرىغا ئاساسلانغاندا، سوت ئۇنىڭغا ئارتىلغان "دۆلەتكە خائىنلىق قىلغان" دېگەن ئەيىبلەشنى قاراپ چىققاندىن كېيىن، مەزكۇر ئەيىبلەشنى بىكار قىلىپ، پەقەت "خىزمەت مەخپىيىتىگە كىرىدىغان ئۇچۇرلارنى چەت ئەل ئۇچۇر تەشكىلاتلىرىغا بېرىش ئۈچۈن توپلىغان ھەم بەرگەن" دېگەن جىنايەتنىلا رەسمىيلەشتۈرۈپ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۈچ يىللىق قاماق جازاسى بەرگەن. ئەمما، ئۇچۇرلارنى ئالغۇچى خىتاي پۇقراسى، خىتاي تەۋەسىدىكى قىرغىز ئىسمائىل ئۈسەك ئىشپىيونلۇق بىلەن ئەيىبلىنىپ، قىرغىزىستان سوتى تەرىپىدىن 12 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى. ئۇلارنىڭ ئادۋۇكاتلىرى بۇنىڭدىن نارازى بولۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى سوتقا ئەرز سۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەرلەردىن قارىغاندا، ئۆتكەن يىلى قىرغىزىستان مىللىي بىخەتەرلىك خادىملىرى مەزكۇر ئىككى ئادەمنى ماتېرىيال ئالماشتۇرۇۋاتقان نەق مەيداندا تۇتۇپ، بۇنىڭ بىر جاسۇسلۇق ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، قىرغىزىستان پارلامېنتى بۇنى ئىنكار قىلغان.
خىتاينىڭ بىشكەكتىكى ئەلچىخانىسىمۇ بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ قىرغىزىستاندا جاسۇسلۇق ھەرىكىتى ئېلىپ بارغانلىقىنى، جۈملىدىن مەزكۇر ئىككى كىشىنىڭ خىتاي ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلغانلىقىنى ئىنكار قىلغان ئىدى. لېكىن، بۇنداق بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر قىرغىزىستان سوتى بەرىبىر بۇ دېلونى جاسۇسلۇق كاتېگورىيىسىگە كىرگۈزدى. (ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- يۇقىرى دەرىجىلىك بىر خىتاي ئەمەلدارى تەيۋەنگە جاسۇسلۇق قىلىش سەۋەبىدىن قولغا ئېلىندى
- خىتاي ئامېرىكىدا جاسۇسلۇق ھەرىكىتى ئېلىپ بارغانلىقىنى ئىنكار قىلدى
- خىتاي دائىرىلىرى ئامېرىكا تەرەپ پاش قىلغان جاسوسلۇق ھەرىكىتىنى"ئويدۇرما" دەپ كۆرسەتتى
- ئامېرىكا دۆلەت ھەربىي مەخپىيەتلىكىنى خىتايغا ساتقان 4 كىشى قولغا ئېلىندى
- ئىسسىق كۆل ئاستىدىن قەدىمكى مەدەنىيەت ئىزلىرى تېپىلدى
- پرېزىدېنت باقىيېف ئامېرىكا ھەربىي بازىسىنىڭ قىرغىزىستاندىكى پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى
- قازاقىستان 2007- يىلى، 44 جاسۇسنى پاش قىلدى
- قىرغىزىستاندا سايلام خۇلاسىسى چىقتى
- قىرغىزىستان پارلامېنت سايلىمى
- خىتايغا ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ئەسلىھەلىرىنى ساتقان خىتاي سودىگەر تۈرمىگە ئېلىندى
- ئامېرىكا ئىنتېرنېت بىخەتەرلىك شىركىتى خىتاينى ئىنتېرنېت جاسۇسلۇقى بىلەن ئەيىپلىدى