بىر ۋاقىتلار ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ دېموكراتىك دۆلەت دەپ نام چىقارغان قىرغىزىستان، يېقىنقى يىللاردىن بىرى ئاستا- ئاستا بۇ ئۇنۋانىنى يوقىتىشقا باشلىدى . قىرغىزىستاندىكى سىياسىي ئۆكتىچىلەر، پرېزىدېنت ئەسقەر ئاقايوف ھاكىمىيىتىنىڭ ئاللىقاچان ئۆزبېكستان، قازاقىستان ۋە تۈركمەنىستاندىكى دىكتاتور ھاكىمىيەتلەر سېپىگە قىتىلغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە . ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، قىرغىزستاننىڭ پۈتۈن سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي كۈچ ئورگانلىرى پرېزىدېنت ئەسقەر ئاقايوفنىڭ ئۇرۇق- تۇغقان ، دوست ۋە يېقىنلىرى تەرىپىدىن ئىگىلەنگەن بولۇپ، دۆلەت مەتبۇئات ئۈستىدىكى كونتروللۇقىنىمۇ كۈندىن-كۈنگە كۈچلەندۈرمەكتە .
قىرغىزىستاندىكى نۇرغۇنلىغان سىياسىي ئۆكتىچىلەر كىلەر يىلى فىۋرال ئېيىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان پارلامېنت سايلىمىنى، قىرغىزىستاننىڭمۇ، ئۆزبېكستان ۋە قازاقىستانغا ئوخشاش مۇتلەق خانلىقلار ھۆكۈمرانلىقىغا ئايلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئاخىرقى پۇرسەت دەپ قارىماقتا.
سىياسىي ئۆكتىچىلەر بىرلەشتى
گروزىيە ۋە ئۇكرائىنىيىدىكى ئۆكتىچى پارتىيىلەرنىڭ مەزكۇر دۆلەتلەردە ئۆتكۈزۈلگەن سايلاملاردا قولغا كەلتۈرگەن غەلبە ۋە تەجىربىلىرىدىن ئىلھاملىنىپ ، بۇ تەجىربىلەردىن پايدىلىنىشنى قارار قىلغان قىرغىزىسىتاندىكى سىياسىئىي ئۆكتىچىلەر، كىلەر يىلى فىۋرال ئېيىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان پارلامېنت سايلىمىنىڭ دېموكراتىك ۋە ئادالەتلىك بىر سايلام بولۇشى ئۈچۈن بىرلەشكەنلىكىنى ئېلان قىلىپ ، بىرلىكتە پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغنالىقىنى بىلدۈردى .
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چارشەنبە كۈنى قىرغىزىستاندىكى بەش سىياسىي گۇرۇپپا بىرلىكتە پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان .
مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قىرغىزىستان ئەركىنلىك پارتىيىسىنىڭ رەئىسى ۋە قىرغىزىستان كىشىلىك ھوقۇق ئىنستىتۇتىنىڭ دىرېكتورى توپچىبېگ تۇرغان ئەلىيوف، قىرغىزىستاندىكى بەش سىياسىي گۇرۇپپىنىڭ بىرلەشكەنلىكىنىڭ ئاساسلىق مەقىسىدى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دىدى “چارشەنبە كۈنى بىرلىكتە پائالىيەت ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن بىرلىشىش توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالىغان بەش سىياسىي گۇرۇپ بەش پارتىيە ئەمەس، ئۇ ئون نەچچە سىياسىي گۇرۇپپىنىڭ بىرلەشمىسى . بۇ بىرلىشىشنىڭ مەقسىدى كىلەر يىلى -27 فىۋرال كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان پارلامېنت سايلىمىنىڭ ئادالەتلىك ۋە دېموكراتىك بىر سايلام بولۇشىغا شۇنداقلا سايلام نەتىجىسىنىڭ بۇرمىلىنىشىغا يول قويماسلىققا كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت.
ئەڭ چوڭ قىيىنچىلىق
قىرغىزىستاندىكى ئۆكتىچى سىياسىي پارتىيە ۋە تەشكىلاتلارنىڭ نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ چوڭ قىيىنچىلىقى ئۈستىدە توختالغان ، قىرغىزىستان ئەركىنلىك پارتىيىسىنىڭ رەئىسى تۇرغان ئەلىيوف مۇنداق دىدى: ئەڭ چوڭ قىيىنچىلىق 1995 يىلىدىن بىرى ئادالەتسىز ۋە دېموكراتىيە بولمىغان سايلاملار ئارقىلىق پرېزىدېنتلىقىنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئەسقەر ئاقايوف ھاكىمىيىتىنىڭ ، سايلامدا غەلبە قىلىش ئۈچۈن دۆلەتنىڭ پۈتۈن ئىمكانىيەتلىرىدىن پايدىلىنىپ، سايلام نەتىجىسىنى بۇرمىلاش ۋە ئاقايوف ھاكىمىيىتنى دېموكراتىك ۋە تىنچ يول ئارقىلىق ئاغدۇرىشنى مەقسەت قىلغان يېڭى سىياسىي بىرلىكنى پارچىلاش ئۈچۈن سىياسىي ئويناش ئىھتىماللىقىدۇر.
ئۆزىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ چوڭ ۋەزىپىسىنىڭ، قىرغىزىستان خەلقىنىڭ كىلەر يىلى دېموكراتىك يولنى تاللاپ، دېموكراتىك ، تىنچ يول ۋە ئاساسىي قانۇنغا تايانغان ھالدا ئاقايوفنى ھاكىمىيەتتىن چۈشۈشكە مەجبۇرلاش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن تۇرغان ئەلىيوف، بۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى باشقا دىكتاتۇر ھاكىمىيەتلەرگىمۇ مىسال بولالايدۇ دىدى .
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ،قىرغىزىستاندا چارشەنبە كۈنى پرېزىدېنت ئاقايوف ھاكىمىيىتىگە قارشى بىرلىكتە پائالىيەت ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن كىلىشكەن سىياسىي گۇرۇپىلار بىرلەشمىسىنىڭ ئىچىدە يەر ئالغان ، قىرغىزىستان چىرىكلىككە قارشى يۇرتداشلار جەمىيئىتىنىڭ رەئىسى ، تولۇقان ئىسمائىلوۋا، سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلىنىپ قىرغىزىستان مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلغاندىن بىرى، بۇ دۆلەتتە دېموكراتىك سايلام ئېلىپ بىرىلمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى .
دېموكراتىيىنىڭ دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنىڭ مىسالى
قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىنىڭ، قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئىتتىپاقىنىڭ يىللىق قۇرۇلتيىنى قىرغىزىستان دۆلەتلىك دراما- تىياتىر بىناسىدا ئۆتكۈزىشىنى چەكلىگەنلىكىنى، قىرغىزىستاندا دېموكراتىك ھەق- ھۇقۇقلارنىڭ دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنىڭ بىر مىسالى دەپ كۆرستكەن ئىسمائىلوۋا، چىرىكلەشكەن ۋە كىشىلك ھۇقۇققا ھۆرمەت قىلمايۋاتقان قىرغىزستاندىكى ھاكىمىيىتەنىڭ ئۆزگېرىشى ئۈچۈن كۈچلۈك سىياسىي ئۆكتىچى ھەرىكەت كېرەك . قىرغىزستاندىكى سىياسىي گۇرۇپپىلارمۇ مۇشۇ مەقسەت ئۈچۈن بىرلەشتى دىدى .
قىرغىزىستاندىكى ئۆتىچى سىياسىي ھەرىكەتنىڭ 2000 - يىلى ئۆتكۈزۈلگەن سايلامىدىن نۇرغۇن تەجىربە ساۋاققلارنى ئالغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىسمائىلوف ، بۇ قېتىم بىز گروزىيە ۋە ئۇكرائىنىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن سايلاملاردىن نۇرغۇن تەجىربە ئالدۇق. ھەتتا گروزىيە ئۆتىچى ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرى قىرغىزستانغا كېلىپ، قانداق غەلبىگە ئىرىشكەنلىكى ھەققىدە بىزگە تەپسىلى مەلۇمات بەردى . شۇنداقلا بىز ئۇكرائىنىيىگە بېرىپ، ئۇ يەردىكى ۋەقەلەرنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرۈپ كەلدۇق. دېمەك، مۇشۇ سىياسىي تەجىربە سۋاقلارنى يەكۈنلىگەن قىرغىزىستاندىكى سىياسىي پارتىيە ۋە تەشكىلاتلار بىرلىشىپ كۈرەش قىلىش قارارى ئالدى دىدى . (قانات)