قىرغىزىستاندىكى سىياسىي ئۆكتىچىلەر، كېلەر ئاي قىرغىزىستاندا ئۆتكۈزۈلىدىغان پارلامېنت سايلىمىغا قاتنىشىشى چەكلەنگەن روزا ئوتانبايىۋانىڭ سايلامغا قاتنىشىش ھوقۇقىنى قايتىدىن قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۇكرائىنىيىدىكى ئۆكتىچى ھەرىكەتنى ئۆلگە ئالماقتا.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قىرغىزىستاندىكى سىياسىي ئۆكتىچى ھەرىكەتنىڭ ئەڭ كۈچلۈك رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان روزا ئوتانبايىۋانىڭ 150 گە يېقىن قوللىغۇچىسى، ئۇكرائىنىيىدىكى ئۈكتىچى ھەرىكەتنىڭ سىمۋولى بولغان قىزغۇچ رەڭلىك كىيىملەرنى كىيىپ تۆت كۈندىن بىرى پرېزىدېنت ئەسقەر ئاقايوفنىڭ سارىيى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزمەكتە . نامايىشچىلار قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىدىن ئاتاجۇرت سىياسىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى روزا ئوتانبايىۋانىڭ 27 - فىۋرال كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان پارلامېنت سايلىمى ئۈچۈن كاندىداتلىقىنى قوبۇل قىلىشىنى تەلەپ قىلماقتا.
قىرغىزىستاننىڭ ۋاشنگتون ۋە لوندوندىكى باش ئەلچىسى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن روزا ئوتانبايىۋانىڭ كاندىداتلىقى، قىرغىزىستان سايلام كۆمىتېتى تەرىپىدىن ئاخىرقى بەش يىل ئىچىدە قىرغىزىستاندا ياشىمىغان دىگەن باھانە بىلەن بىكار قىلىنغان ئىدى.
قىرغىزىستاندىكى سىياسىي ئۆكتىچىلەر، قىرغىزىستان سايلام كومىتېتىنىڭ ، پارلامېنت سايلىمىدا ئوتانبايىۋا بىلەن ئوخشاش سايلام رايونىدىن كاندىدات بولغان پرېزىدېنت ئەسقەر ئاقايوفنىڭ قىزى بەرنەت ئاقايوۋانىڭ سايىلىنىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، ئوتانبايىۋانىڭ كاندىداتلىقىنى بىكار قىلغانلىقىنى بايان قىلماقتا. (قانات)