قىرغىزىستان پرېزىدېنتىنىڭ قىزى پارلامېنت سايلىمىغا قاتنىشىشنى ئويلاشماقتا

قىرغىزىستان پرېزىدېنتى ئەسقەر ئاقايېفنىڭ چوڭ قىزى بەرنات ئاقايېۋا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلتىماسى بويىچە، كېلەر ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان پارلامېنت سايلىمىغا قاتنىشىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ قىرغىزىستان دۆلەتلىك تېلېۋىزىيىسىنىڭ خەۋىرىنى نەقىل قىلىشىچە، سەيشەنبە كۈنى،300 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى بەرنات ئاقايېۋاغا 27 - فىۋرال كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان پارلامنېت سايلىمىغا قاتنىشىش ھەققىدە ئىلتىماس سۇنغان. ئىلتىماسقا بەش مىڭدەك ئوقۇغۇچى ئىمزا قويغان ئىكەن. بەرنات ئاقايېۋا بۇ تەكلىپنىڭ كۈتۈلمىگەن يەردىن بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلتىماسىنى بىر نەچچە كۈن ئويلىشىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

بۇنىڭ ئالدىدا، قىرغىزىستاندا پرېزىدېنت ئاقايېفنىڭ بىر ۋە ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق تۇققانلىرىنىڭ پارلامېنت سايلىمىغا قاتنىشىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە خەۋەرلەر تارقالغان ئىدى. قىرغىزىستاندىكى سىياسىي ئۆكتىچىلەرمۇ، قىرغىزىستان سايلام كومىتېتىنىڭ ئەسقەر ئاقايېفنىڭ قىزى بەرنات ئاقايېۋانىڭ سايلىنىشىغا پۇرسەت يارىتىش ئۈچۈن، ئوخشاش سايلام رايونىدىن چىققان، ئۆكتىچى ھەرىكەتنىڭ ئەڭ كۈچلۈك رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان روزا ئوتانبايېۋانىڭ كاندىداتلىقىنى بىكار قىلغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

قىرغىزىستان پرېزىدېنتى ئەسقەر ئاقايېف بۇ يىل ئۆكتەبىردىكى پرېزىدېنت سايلىمىدا ئورنىنى بوشىتىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغانلىقى ئۈچۈن، قىرغىزىستاندا بۇ يىل ئۆتكۈزىلىدىغان ئىككى سايلام خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئالاھىدە دىققەت- ئېتىبارىنى تارتماقتا.(ئارزۇ)