قىرغىزىستان ئاساسىي قانۇننى ئىجرا قىلىش سوتى روزا ئوتانبايىۋانىڭ ئەرزىنى رەت قىلدى

قىرغىزىستاننىڭ ئاساسىي قانۇننى ئىجرا قىلىش سوتى، ئۆكتىچىلەرنىڭ رەھبىرى روزا ئوتانبايىۋانى بۇ ئاي ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان پارلامېنت سايلىمىغا قاتناشتۇرماسلىق قارارىنى قايتا ئويلىشىشنى رەت قىلدى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇنىڭ ئالدىدا، قىرغىزىستاندىكى ئۆكتىچى ھەرىكەت ھېسابلانغان "ئاتا يۇرت" ھەرىكىتىنىڭ قوش رەئىسى بولغان، سابىق تاشقى ئىشلار مىنسىتىرى روزا ئاتانبايىۋا، قىرغىزىستان سايلام كومىتېتىنىڭ، ئۆزىنىڭ كاندىداتلىقىنى بىكار قىلغانلىقى ئۈستىدىن قىرغىزىستان ئاساسىي قانۇنىنى ئىجرا قىلىش سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنغان.

بىراق،ئۇنىڭ ئادۋوكاتىئىڭ پەيشەنبە كۈنى بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر سوت مەھكىمىسى روزا ئاتانبايىۋانىڭ ئەرزىنىڭ شەخسىي دىلولار كاتېگورىيىسىگە ياتمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇنى ئويلىشىشنى رەت قىلغان. ئۇنىڭ ئادۋوكاتى، ئاساسىي قانۇننى ئىجرا قىلىش سوتىنىڭ پۇقرالارنىڭ ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇقىنى قوغدىيالمىغانلىقىنى ئەيىپلىدى.

قىرغىزىستان سايلام كومىتېتى ئۆتكەن ئايدا قارا چىقىرىپ، روزا ئوتانبايىۋانىڭ قىرغىزىستاندا ئۈزۈلدۈرمەي تۇرغان ۋاقتىنىڭ بەش يىلدىن ئاز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، ئۇنىڭ كاندىداتلىقىنى بىكار قىلغان ئىدى. بىراق، بىر قىسىم سىياسىي ئۆكتىچىلەر، بۇنى ئەسقەر ئاقايېفنىڭ ئوخشاش سايلام رايونىدىكى قىزى بەرنات ئاقايېۋانىڭ پارلامېنت سايلىمىدا سايلىنىشى ئۈچۈن ئوينىغان بىر سىياسىي ئويۇنى دەپ قارىماقتا. (ئارزۇ)