0:00 / 0:00
قىرغىزىستاندىكى "ئانا يۇرت" ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى روزا ئوتونبايېۋا يېقىندا رۇسىيە گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، قىرغىزىستاندىكى پارلامېنت سايلىمىنىڭ ۋەزىيىتى ۋە پرېزىدېنت ئەسقەر ئاقايېفنىڭ نۆۋەتتە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتى ھەققىدە توختالغان.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىلى قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندىمۇ قىرغىزىستان پارلامېنت سايلىمى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.