قىرغىزىستاننىڭ نارىن ئوبلاستىدىكى بەش مىڭدەك كىشى سەيشەنبە كۈنى خىتايغا تۇتۇشىدىغان تاشيولنى توسۇپ، قىرغىزىستان دائىرىلىرىنىڭ ئىككى نەپەر قىرغىز پائالىيەتچىسىنىڭ پارلامېنت سايلىمىغا قاتنىشىشىنى چەكلىگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈردى.
قىرغىزىستاننىڭ نارىن ئوبلاستىدىكى بەش مىڭدەك كىشى سەيشەنبە كۈنى خىتايغا تۇتۇشىدىغان تاشيولنى تۇسۇپ، قىرغىزىستان دائىرىلىرىنىڭ ئىككى نەپەر قىرغىز پائالىيەتچىسىنىڭ پارلامېنت سايلىمىغا قاتنىشىشىنى چەكلىگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈردى.
رويتىرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، قىرغىزىستاننىڭ نارىن ئوبلاستىدىكى بىر سوت مەھكىمىسى دۈشەنبە كۈنى ئاقۇلبېك ژانپاروف ۋە بېيشەنبېك بولوتبېكوفنىڭ پارلامېنت سايلىمىدىكى كاندىداتلىق سالاھىيىتىنى بىكار قىلغان. ئەمما ئۇلارنىڭ كاندىداتلىق سالاھىيىتىنىڭ نېمە ئۈچۈن بىكار قىلىنغانلىقىنى چۈشەندۈرمىگەن.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇلارنىڭ قوللىغۇچىلىرى نارىن ئوبلاستىنىڭ قوچقار كەنتىدىكى خىتايغا تۇتۇشىدىغان يولنىڭ بويىدا چىدىرلارنى تىكىپ، يولنى توسىۋالغان ھەمدە بۇ ئىككىيلەننىڭ كاندىداتلىق سالاھىيىتى ئەسلىگە كەلمىگىچە، نامايىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
قىرغىزىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى، يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ نامايىشچىلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزىۋاتقانلىقىنى، ۋەزىيەتنىڭ كونترول ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
قىرغىزىستان پارلامېنت سايلىمى 27 - فېۋرال كۈنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. پرېزىدېنت ئەسقەر ئاقايېف بۇنىڭ ئالدىدا، ئۇكرائىنىيە ئۇسلۇبىدىكى نامايىشنى تەۋسىيە قىلغۇچىلارنىڭ سايلامغا ئارىلاشماسلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، كەڭ كۆلەملىك نامايىشنىڭ ئىچكى ئۇرۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. (ئارزۇ)