يەكشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان قىرغىزىستان پارلامېنت سايلىمىنىڭ ھارپىسىدا، قىرغىزىستان دۆلەتلىك تېلېگراف ئىدارىسى مۇستەقىل ھالدا خەۋەر بېرىدىغان "ئازادلىق رادىئوسى" قىرغىز بۆلۈمىنىڭ كۆپ قىسىم پروگراممىلىرىنىڭ تارقىتىلىشىنى توختاتتى.
رويتىرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، قىرغىزىستان تېلېگراف ئىدارىسى، "ئازادلىق رادىئوسى" ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدىغان چاستوتىنىڭ ئىشلىتىلىشىنى 3 - ئاينىڭ 10 - كۈنىگىچە توختاتقان. ئامېرىكىنىڭ مەبلىغى بىلەن قۇرۇلغان مەزكۇر رادىئو ئىستانسىسى قىرغىزىستاندىكى بىردىن-بىر مۇستەقىل ئاخبارات ئورگىنى ھېسابلىناتتى.
خەۋەرگە قارىغاندا، قىرغىزىستاننىڭ بىر قانچە يەرلىرىدە، يەرلىك كاندىداتلارنىڭ پارلامېنت سايلىمىغا قاتنىشىشى چەكلەنگەنلىكى ئۈچۈن نامايىشلار كۆتۈرۈلگەن. نارىن ئوبلاستىنىڭ قوشقار كەنتىدىكى 3000 دەك نامايىشچى ئۈچ كۈندىن بۇيان خىتايغا تۇتۇشىدىغان تاشيولنى توسۇپ، يەرلىك كاندىدات ئەزاسى ئاقۇلبېك جاپاروفنىڭ كاندىداتلىق سالاھىيىتىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن. ئەمما قىرغىزىستاننىڭ دۆلەت مەتبۇئاتلىرى بۇ نامايىشلار ھەققىدە خەۋەر بەرمىگەن.
خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، قىرغىزىستاندىكى ئۆكتىچى گېزىت-ژورناللارنى باسىدىغان باسما زاۋۇتلاردىمۇ سەيشەنبە كۈنىدىن باشلاپ توك توختاپ قالغان. باسما زاۋۇتى چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ گېنىراتۇرلىرىنى ئىجارىگە ئېلىپ، خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇشقا مەجبۇر بولغان. گېزىتخانا دائىرىلىرى قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىنىڭ توك توختاش ئىشىدا قولى بارلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
قىرغىزىستاندا يەكشەنبە كۈنى ئۆتكۈزىلىدىغان پارلامېنت سايلىمى 30 - ئۆكتەبىردىكى پرېزىدېنت سايلىمىغا يول ئېچىپ بېرىدۇ دەپ قارالماقتا. گەرچە قىرغىزىستان پرېزىدېنتى ئەسقەر ئاقايېف بۇ يىل ۋەزىپىسىدىن چۈشىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۆكتىچىلەر ئاقايېفنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن، ئۆزىگە مايىل پارلامېنتنى تەشكىل قىلىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا. (ئارزۇ)