قىرغىزىستان ھۆكۈمەت خادىملىرى سايلامنىڭ نەتىجىلىك بولىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە

قىرغىزىستان سايلام كومىتېتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ئىمانبايېفنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىندا ئېلىپ بېرىلغان پارلامېنت سايلىمى ئىنتايىن نەتىجىلىك بولغان.

بىراق، قىرغىزىستاندا سايلام جەريانىدا ھۆكۈمەتكە قارشى چوڭ كۆلەملىك نامايىشلار يۈز بەرمەكتە. ئىمانبايېف بولسا سايلامنىڭ " دېموكراتىك ۋە قانۇنلۇق" ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

ئىمانبايېف مەتبۇئاتلارغا بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرۈشتىن بىر كۈن بۇرۇن، ئىككى مىڭدىن ئارتۇق ئۆكتىچى كۈچلەر، قىرغىزىستاننىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى ئوشنىڭ ھۆكۈمەت بىناسىنى قامال قىلىپ، پرېزىدېنت ئاقايېفنىڭ ئىستىپا بېرىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

مۆلچەرلەشلەرگە قارىغاندا، ئاقايېف سەيشەنبە كۈنى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە نۇتۇق سۆزلەيدىكەن. ئاقايېفنىڭ باياناتچىسىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۆكتىچىلەرنىڭ ھەرىكىتى "جىنايەتچىلەر" تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن ئىكەن.

گەرچە ئەسقەر ئاقايېف، سايلام ئۈستىدىن قايتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى ۋە ئۆكتىچىلەر بىلەن سۆھبەتلىشىشنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن قىرغىزىستاندا يۈز بېرىۋاتقان قالايمىقانچىلىق يەنىلا داۋاملاشماقتا. (ئەقىدە)