قىرغىزىستاندىكى ئىنقىلاب ئۆزبېكىستانغا تارقىلىشى مۇمكىن
2005.03.25
قىرغىزىستاندىكى ئىنقىلابتىن رىغبەتلەنگەن ئۆزبېكىستاندىكى ئۆكتىچىلەر، قىرغىزىستاندىكى ۋەقەنىڭ كەرىموۋ ھۆكۈمىتىنىڭ تۆمۈر مۇشتىمى ئاستىدىكى ئۆزبېكىستاندا پات يېقىندا يۈز بېرىشىنى ئۈمىد قىلدى.
ئەركىن دېھقانلار، ئەرك پارتىيىسى قاتارلىق ئۆزبېكىستاندىكى ئۆكتىچى سىياسى پارتىيە - گۇرۇھلار جۈمە كۈنى بىرلەشمە يىغىن چاقىرىپ، ئاقايېۋ ھۆكۈمىتىنىڭ ئاغدۇرۇلغانلىقىنى شۇنداقلا ئۆكتىچىلەرتنىڭ قىرغىزىستان ھۆكۈمەت بىناسىنى ئۆتكۈزۈۋالغانلىقىنى قارشى ئالغان. ئۆكتىچى پارتىيىلەر جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، " بىز قىرغىزىستاندا باشلانغان دېموكراتىك ئىسلاھاتنىڭ پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىياغا كەڭ - كۆلەمدە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز،" دەپ كۆرسەتكەن.
قىرغىزىستاندا 24 - مارتتىكى ئاممىۋى ئىنقىلاب ئاقايېۋ ھۆكۈمىتىنىڭ يىقىلىشىغا يول ئاچتى. بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆزبېكىستان ئەركىن دېھقانلار پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى نىگارە ھىدايەتوۋا، "قىرغىزىستاندىكى ئۆرنەك ھەر بىر كىشىنىڭ قانچىلىك تېز ۋە ئاسان ئىش قىلالايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى،" دەپ تەكىتلىگەن.
كېرىموۋ ھۆكۈمىتى ئۇزۇندىن بېرى خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن دېموكراتىك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى ئاقسىتىش، كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش بىلەن ئەيىبلەنمەكتە. نىگارە ھىدايەتوۋانىڭ تەكىتلىشىچە، " ئۆزبېكىستان ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويغان شۇنداقلا ھازىر تولىمۇ كېچىككەن."
كېرىموۋ ھۆكۈمىتى ئۆزبېكىستاندىكى ئۆكتىچى پارتىيىلەرنىڭ ئۆتكەن يىلى 12 - ئايدا ئېلىپ بېرىلغان پارلامېنت سايلىمىغا قاتنىشىشىنى چەكلىگەن ئىدى. بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقى، ئۆزبېكىستان دائىرىلىرىنىڭ قىرغىزىستان چېگرىسىدىكى رايونلاردا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى چىڭىتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى. (ئەركىن)