قىرغىزىستاندىكى ئاساسلىق ئۆكتىچى رەھبەر يېڭى پارلامېنتنى قوللىدى
2005.03.27
قىرغىزىستاندىكى ئۆكتىچى رەھبەر فىلىكىس كۇلۇف ۋە قىرغىزىستان مەركىزى سايلام كومىتېتى قىرغىزىستاندا يېڭىدىن سايلانغان پارلامېنتنى قوللىدى.
قىرغىزىستاندىكى ئۆكتىچىلەر ئۆتكەن ئايدا ئېلىپ بېرىلغان پارلامېنت سايلىمىدا ئېغىر ساختىلىق قىلمىشلىرىنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئەيىپلىگەن ۋە بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان ئاممىۋى نارازىلىقلار سەۋەبىدىن پرېزىدېنت ئەسقەر ئاقايېف تەختتىن چۈشكەن ئىدى.
بىراق رويتىرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، قىرغىزىستاننىڭ بىخەتەرلىك ئىشلىرىغا مەسئول يېڭى ئەمەلدارى فىلىكىس كۇلۇف، سايلام نەتىجىسىگە سەل قاراش ئىچكى ئۇرۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن دەپ ئاگاھلاندۇرغان ۋە يېڭى پارلامېنتنىڭ قانۇنلۇق ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن. بۇنىڭدىن سىرت، قىرغىزىستان سايلام كومىتېتىمۇ يەكشەنبە كۈنى پارلامېنت سايلىمىنىڭ نەتىجىسىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بىراق، ئالدىنقى قارار پارلامېنتتىكى ئەزالار كونا پارلامېنتنىڭ ھوقۇقىنى ساقلاپ قېلىشى كېرەك دەپ قارىماقتا. ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى قازاقىستان ئالىي سوت مەھكىمىسى ئىككىنجى ئايدا ئېلىپ بېرىلغان پارلامېنت سايلىمىنىڭ نەتىجىسىنى ئىناۋەتسىز دەپ ئېلان قىلىپ، ئالدىنقى قارار پارلامېنتتنىڭ قانۇن بويىچە يەنىلا كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. قىرغىزىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن پرېزىدېنتى قۇرمانبەگ باقېيفمۇ بۇنى قارشى ئالغان ئىدى.
رويتىرس ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قىرغىزىستان ۋەزىيىتىنى كونترول قىلىۋاتقان ۋاقىتلىق پرېزىدېنت ۋە بىخەتەرلىك ئىشلىرىنىڭ مەسئۇلى ئوتتۇرىسىدىكى پىكىر ئىختىلابىمۇ ئېغىر بولماقتا ئىكەن. " ياۋرۇپا بىخەتەرلىك ھەمكارلىق تەشكىلاتى" نىڭ قانۇن مۇتەخەسسىسلىرى نۆۋەتتە يېڭى ۋە كونا پارلامېنت ئارىسىدىكى توقۇنۇشنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تىرىشماقتا.
بۇنىڭ ئالدىدا، قىرغىزىستاننىڭ ۋاقىتلىق پرېزىدېنتى قۇرمانبەك باقېيف 26 - ئىيۇن كۈنى پرېزىدېنت سايلىمى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. بۇ ئارىدا، رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادېمىر پۇتىن، قىرغىزىستاندىكى يېڭى رەھبەرلەرنى ۋەزىيەتنىڭ ناچارلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا چاقىرغان ۋە ئۆزىنىڭ قىرغىزىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبىرى قۇرمانبەك ئاقىيېف بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، قىرغىزىستان پرېزىدېنتى ئەسقەر ئاقايېف نۆۋەتتە رۇسىيىگە قېچىپ بېرىۋالغان ئىكەن. (ئارزۇ)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- بېشكەكتە، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدىنە سودا مەركىزى بۇلاڭ – تالاڭغا ئۇچرىدى
- تۈركىيە، بېشكەكتىكى ۋەقەلەرگە كۆڭۈل بۆلمەكتە
- خىتاي ھۆكۈمىتى قىرغىزىستان بىلەن ئۇيغۇر ئېلى ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا ئېغىزلىرىنى تاقىدى
- قىرغىزىستاندا ئۆكتىچىلەر يېڭى ھۆكۈمەت تەشكىللىدى
- قىرغىزىستاندىكى ئىنقىلاب ئۆزبېكىستانغا تارقىلىشى مۇمكىن