باقىيېف رەسمى قىرغىزىستانىڭ ۋاقىتلىق رەھبىرى بولۇپ تەيىنلەندى
2005.03.28
قىرغىزىستاننىڭ يېڭى سايلانغان پارلامېنت ئەزالىرى، ئۇلارنىڭ سايلىنىشىغا قارشى چىقىپ توپىلاڭ كۆتەرگەنلەرنىڭ يولباشچىسى قۇرمانبىك باقىيېفنى باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلىدى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، باقىيېف ۋاقىتلىق پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنىمۇ ئورۇندايدىكەن.
ئەسقەر ئاقايوف بولسا، دۈشەنبە كۈنى رۇسىيىدە بىر بايانات ئېلان قىلىپ، قىرغىزىستاننىڭ يېڭى رەھبەرلىرىنى، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىنى ۋەيران قىلىپ، ئابرويىنى چۈشۈردى دەپ ئەيىپلىدى. لېكىن ئۇ باياناتىدا، پرېزىدېنت ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىپ- بەرمەيدىغانلىقى ھەققىدە بىر نېمە دېمىگەن.
رويتىرىس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، باقىيېفنىڭ يېڭى پارلامېنت تەرىپىدىن باش مىنىستىر ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەنلىكى، قىرغىزىستاندا بىر نەچچە كۈن داۋاملاشقان قالايمىقانچىلىقتىن كېيىن، بىراز بولسىمۇ قانۇنى بىر ھاكىمىيەتنىڭ قايتىدىن تىكلەنگەنلىكىنى كۆرسىتىدىكەن.
باقىيېف ئۇنى باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلىگەن يېڭى پارلامېنتنىڭ كۆڭلىنى ئېلىش ئۈچۈن بەرگەن باياناتىدا، مىنىڭ فىۋرال ۋە مارت ئايلىرىدا قىرغىزىستاندا ئېلىپ بېرىلغان سايلاملارنى قانۇنسىز دېگىنىم توغرا. لېكىن بۇ پارلامېنتتا بىزنىڭ پەقەت سايلانغان 15 ۋەيا 20 كىشىگە نارازىلىقىمىز بار. بىز ھېچقاچان پۈتۈن پارلامېنت ئەزالىرى كەتسۇن دېمەيمىز، دېدى. (قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- بېشكەكتىكى بۇلاڭ- تالاڭدا ئون نەچچە ئۇيغۇر يارىلاندى
- قىرغىزىستاندىكى ئاساسلىق ئۆكتىچى رەھبەر يېڭى پارلامېنتنى قوللىدى
- بېشكەكتە، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدىنە سودا مەركىزى بۇلاڭ – تالاڭغا ئۇچرىدى
- تۈركىيە، بېشكەكتىكى ۋەقەلەرگە كۆڭۈل بۆلمەكتە
- خىتاي ھۆكۈمىتى قىرغىزىستان بىلەن ئۇيغۇر ئېلى ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا ئېغىزلىرىنى تاقىدى