قىرغىزىستاندىكى ۋەقەلەرنىڭ تەسىرى مەسىلىسى

ئالدىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە قىرغىزىستاندا يۈز بەرگەن ئۆكتىچىلەر ئىنقىلابى ۋە ئۇنىڭ نەتىجىسىدە ئەسقەر ئاقايېۋ ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، يېڭى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ مەيدانغا چىقىشى، سابىق ئىككى پالاتالىق قىرغىز پارلامېنتىنىڭ ئورنىغا يېڭى بىر پالاتالىق پارلامېنت شەكلىنىڭ دەسسىشى ھەمدە ھۆكۈمەت ۋە پارلامېنتنى دېموكراتىك پىكىرگە ئىگە ئۆكتىچىلەرنىڭ ئىگىلىشى جۇغراپىيىلىك ئورنى ئىنتايىن مۇھىم بولغان ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلىتى-قىرغىزىستاننىڭ ئەتراپىدىكى دۆلەتلەرگە جۈملىدىن مەزكۇر رايوندا ئۆز تەسىرىنى تىكلەشكە تىرىشىۋاتقان چوڭ مەملىكەتلەرگىمۇ تەسىر كۆرسەتمەي قالمىدى.

قىرغىزىستان ۋەقەسى ۋە چوڭ دۆلەتلەر

قىرغىزىستاندا ئامېرىكا ۋە رۇسىيىنىڭ ھەربىي بازىلىرى مەۋجۇت بولۇپ، 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، قىرغىزىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرىنىڭ دېموكراتىيىنىڭ ئۈلگىسى بولغان ئامېرىكا ۋە ياۋروپا بىرلىكى شۇنىڭدەك شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن بولغان ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرى راۋاجلىنىشقا قاراپ يۈزلەنگەن ئىدى. بىشكەكتە يېڭى ھۆكۈمەت مەيدانغا كەلگەندىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ بۇ جايدىكى ھەربىي بازىسىنىڭ داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 29-مارت كۈنى ۋاشىنگتوندىكى "كارنېگى خەلقارا تىنچلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش مەركىزى" دە ئۆتكۈزۈلگەن مۇھاكىمە يىغىنىدا بۇ مەركەزنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مۇتەخەسسىسى مارتا برىل ئولكوت قىرغىزىستان ۋەقەسىنىڭ تاشقى سىياسىي تەسىرى ھەمدە بۇ يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ تاشقى سىياسىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن؛

"ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئېيتىشىچە شۇنىڭدەك مېنىڭچە، بىز شۇنىڭغا ئىشىنىشىمىز كېرەككى، ئۇلار دۆلىتىنىڭ تاشقى سىياسىتىنى قايتىدىن بېكىتىشكە تەرەددۇت قىلمايۋاتىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ ئاساسلىقى ئامېرىكا ۋە رۇسىيە ھەربىي بازىلىرىغا ھەمدە قىرغىزىستاننىڭ خىتاي، رۇسىيە بىلەن ئەسلىدىن بار بولغان ئالاھىدە مۇناسىۋىتىگە قارىتىلغان"

ئۇنىڭ قارىشىچە؛ قىرغىزىستاندىكى ۋەزىيەت رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ ئالاھىدە دىققەت قىلىشىغا ئېرىشكەن.

رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىدىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندىمۇ، قىرغىزىستان يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ باشلىقى قۇرمانبېك باقىيېۋ ۋلادىمىر پۇتىنغا تېلېفون بېرىپ، رۇسىيە بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىدىغانلىقىنى شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ رۇسىيىنىڭ ياردىمىگە مۇھتاج ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ۋلادىمىر پۇتىنمۇ، قىرغىزىستانغا ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھەمدە مەخسۇس يىغىن ئېچىپ، بۇ مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغان. رۇسىيە دائىرىلىرى يەنىلا كوللېكتىپ بىخەتەرلىكى كېلىشىمى تەشكىلاتىنىڭ مانۋېرىنى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

غەرب مەتبۇئاتلىرىدىكى ئىنكاسلار

بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان ماقالىلار كۆپ بولۇپ، ۋەكىل خاراكتېرلىقلىرىدىن بىرى شۇكى، ياۋروپادا چىقىدىغان" لې موندە" < Le Monde> گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ناتالىيە نۇرگايرېد ئىسىملىك كۈزەتكۈچىنىڭ بىشكەكتىكى ۋەقەلەر ھەققىدىكى ماقالىسىدە " بېشكەكتىكى "تۇلپان گۈلى رەڭلىك ئىنقىلاب رۇسىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىرىنى ئاجىزلىتىدۇ" دەپ ھۆكۈم چىقىرىلىش بىلەن بىرگە مەزكۇر رايوندا ئامېرىكىنىڭ تەسىر كۈچىنىڭ غەلىبىگە ئېرىشكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئەنگىلىيىدىكى "كۈندىلىك تېلېگراف" گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە بولسا، قىرغىزىستاندىكى بۇ ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئەتراپىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ھاكىممۇتلەق رەھبەرلىرىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىنلىكى تەكىتلەنگەن.

م. ك . بخادراكۇمار ئىسىملىك يەنە بىر ئاپتورنىڭ " ئاسىيا ۋاقتى" گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ماقالىسىدە قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ئوش ۋە جالال ئاباد ئوبلاستلىرىنىڭ ئەسلىدە 20-يىللاردا ئۆزبېكىستانغا تەۋە جايلار بولۇپ، كېيىن ستالىن تەرىپىدىن قىرغىزىستانغا ، تاجىكىستانغا تەۋە بۇخارا ۋە سەمەرقەندنىڭ ئۆزبېكىستانغا ئايرىپ بېرىلگەنلىكى، نەتىجىدە بۇ جايدا بىر خىل مىللىي قارشىلىق ئەھۋاللىرىنىڭ پەيدا بولغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئاپتور ماقالىسىدە ئۆزبېكىستان بىلەن چېگرىلىنىدىغان بۇ جايلاردىكى جۈملىدىن بىشكەكتىكى سىياسىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ قوشنا ئۆزبېكىستانغىمۇ تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىنلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئۆزبېكىستانغا كۆرسىتىشى مۇمكىن بولغان تەسىرلەر

مەلۇمكى، ئۆزبېكىستاندىكى ئىسلام كەرىموپ ھۆكۈمىتى ئۇزۇندىن بۇيان خەلقارا جەمىيەت تەرىپىدىن دېموكراتىيىلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرمەسلىكى شۇنىڭدەك سىياسىي ئۆكتىچىلەرنى جازالىغانلىقى بىلەن ئەيىبلىنىپ كەلمەكتە. ئۆزبېكىستاننىڭ سابىق پارلامېنت ئەزاسى ھەمدە پرېزىدېنتنىڭ سابىق مەسلىھەتچىسى بولغان جاھانگىر مەمەتوپ ئەپەندى قىرغىزىستان ۋەقەلىرىنىڭ ئۆزبېسكىستانغا تەسىر كۆرسىتىشنىڭ مۇقەررەرلىكىنى تەكىتلەپ، گەرچە ھازىرنىڭ ئۆزىدە بىۋاستە تەسىرلەرنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلمىسىمۇ، لېكىن بۇنىڭدىن كېيىن، قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمى بىر دېموكراتىك سىياسەتلەرنى يۈرگۈزۈشىگە باغلىق تەسىرلەرنىڭ بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

جاھانگىر مەمەتوپ ئەپەندىنى يەنە، قىرغىزىستاننىڭ ئەتراپىدىكى دىچتاتورلارنىڭ ئۆز تۈزۈملىرىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن خەلققە بولغان بېسىملىرىنى كۈچەيتىۋېتىشى مۇمكىنلىكىنى، ئەمما كەرىموپ تۈزۈمىنىڭ ھامان ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى قوشۇمچە قىلدى.

جاھانگىر مەمەتوپ ۋە باشقا مۇلاھىزىچىلەرنىڭ قارىشىچە، قىرغىزىستانغا قوشنا مەملىكەتلەردىن خىتاي غەرب ئۆلچەملىرى بويىچە ئالغاندا كىشىلىك ۋە دېموكراتىك ھوقۇقلار دەپسەندە قىلىنىشقا ئۇچراۋاتقان، بىر پارتىيىلىك، ھاكىممۇتلەقلىق تۈزۈمىدىكى دۆلەت. ئۇ ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ يۇقىرى دەرىجىدە تەرەققى قىلغان دېموكراتىك رايون بولۇشىنى خالىمايدۇ. چۈنكى، بۇ ئۇيغۇرلارغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.

ئۆزبېكىستان ، تاجىكىستان ۋە قازاقىستانلار بولسا، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مۇستەبىت تۈزۈمىدىن قۇتۇلۇپ، مۇستەقىللىققە ئېرىشكەن بولسىمۇ، تېخى ھازىرغىچە دېموكراتىيلىشىش ئۆلچەملىرىگە يەتمىگەن، يەنىلا ھاكىممۇتلەقلىق تۈزۈم ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن مەملىكەتلەر بولۇپ، ئۇلار بۇ جەھەتتە قىرىغىزىستان بىلەن تامامەن ئوخشاشتۇر.

ئەلۋەتتە، قىرغىزىستان بىلەن چېگرالانمىسىمۇ، يەنىلا بۇ جايدا ئۆزىنىڭ سابىق تەسىرىنى ساقلاپ قالغان رۇسىيە بولسا، ئوخشاشلا تېخى تولۇق دېموكراتىيىلىشىپ كېتەلمىگەن، ھاكىممۇتلەقلىق قالدۇقلىرى ئۆز كۈچىنى يوقاتمىغان مەملىكەتتۇر.

نۆۋەتتە، ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى يا دېموكراتىك تۈزۈمنى ياكى بولمىسا مۇستەبىتلىكنى تاللاشقا دۇچ كەلگەن بولۇپ، قىرغىزىستان خەلقى ئالدى بىلەن بۇ تاللاش يەنى ھەقىقىي دېموكراتىيىلىشىش تاللىشىنىڭ قەدىمىنى باستى. (ئۈمىدۋار)