قىرغىز سوتى فېلىكس قۇلۇفقا بېرىلگەن بىر جىنايەتنى ئەمەلدىن قالدۇردى
2005.04.06
قىرغىزىستان ئالىي سوت مەھكىمىسى چارشەنبە كۈنى قىرغىزىستان ئۆكتىچى رەھبەرلىرىدىن فېلىكس قۇلۇف ئۈستىدىن چىقىرىلغان ئىككى خىل جىنايەتنىڭ بىرىنى ئەمەلدىن قالدۇردى. بۇنىڭ بىلەن قۇلۇفنىڭ 6 - ئايدىكى پرېزىدېنت سايلىمىغا قاتنىشىشى ئۈچۈن بىر ياخشى يول ئېچىلدى.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كۆزەتكۈچىلەر نۆۋەتتە فېلىكس قۇلۇفقا چىقىرىلغان يەنە بىر جىنايەتمۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇلسا، ئۇنىڭ پرېزىدېنت سايلىمىغا قاتنىشالايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئۆكتىچى فلېكس قۇلۇف ئىلگىرى قىرغىزىستاننىڭ بىخەتەرلىك ئىشلىرى مەسئۇلى بولۇپ، سابىق پرېزىدېنت ئەسقەر ئاقايېف 1997 - يىلى ئۇنى ھوقۇقىنى قالايمىقان ئىشلەتكەن دېگەن جىنايەت بىلەن تۈرمىگە تاشلىغان. بۇ يىل 3 - ئايدا قىرغىزىستاندىكى ئۆكتىچىلەر، ئىنقىلابىي ھەرىكەت ئارقىلىق ئەسقەر ئاقايېفنى تەختتىن چۈشۈرگەندىن كېيىن، ئۆكتىچىلەر رەھبىرى قۇرمانبېك باقىيېف ئۇنى تۈرمىدىن قويۇپ بەردى.
فېلىكس قۇلۇف تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن، قىرغىزىستاندىكى بۇلاڭ-تالاڭ قالايمىقانچىلىقلىرىنى ئىككى كۈننىڭ ئىچىدە تىنجىتىپ بولۇپ خىزمىتىدىن ئىستىپا بەردى ھەمدە ئالىي سوتنىڭ ئۇنىڭ ئۈستىدىكى جىنايەتنى سوتلىشىنى تەلەپ قىلدى.
خەۋەردە مەلۇم بولۇشىچە، ئالىي سوت مەھكىمىسى ئۇنىڭغا بېرىلگەن بىر جىنايەتنى بىكار قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ نەچچە يۈز ھىمايىچىلىرى سوت مەھكىمىسى ئالدىغا يىغىلىپ، "قۇلۇف، قۇلۇف" دەپ توۋلاشقان. (پەرىدە)