ئاغدۇرۇۋېتىلگەن قىرغىزىستان پرېزىدېنتىنىڭ قىزى دۆلىتىگە قايتتى


2005.04.14

24 - مارتتىكى خەلق ئىنقىلابىدا ئاغدۇرۇۋېتىلگەن قىرغىزىستان پرېزىدېنتى ئەسقەر ئاقايېۋنىڭ قىزى بەرمەت ئاقايېۋا پەيشەنبە كۈنى دۆلىتىگە قايتىپ، پارلامېنت ئەزالىقىنى قايتۇرۇۋالدى. ئالدىنقى كۈنى قىرغىزىستان پارلامېنتى ئاقايېۋنىڭ ئىستىپانامىسىنى تەستىقلىغان.

بېرمەت ئاقايېۋا، ئۆكتىچىلەر تەرىپىدىن پرېزىدېنت ئاقايېۋ ئائىلىسىدىكى دۆلەتنىڭ مال - مۈلكىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش شۇنداقلا خىيانەتچىلىك بىلەن ئەيىبلەنگەن كىشىلەرنىڭ بىرى. ئەمما قىرغىزىستان قانۇنى بويىچە، بەرمەت ئاقايېۋا قىرغىز پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى بولغانلىقتىن ئۇنىڭ ھوقۇقى دەخلى - تەرۈزگە ئۇچرىمايدىكەن.

بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇ "مېنىڭ قىرغىزىستان خەلقىدىن يوشۇرۇدىغان ھېچقانداق مەسىلەم يوق" دېگەن. قىرغىزىستان پارلامېنتىنىڭ رەئىسى ئومۇربەگ تەكەبايېۋ، بەرمەت ئاقايېۋانىڭ ھازىرچە پارلامېنتتىكى ۋەزىپىسىنى باشلىيالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.چۈنكى ئۇ ھازىرغا قەدەر پارلامېنت ئەزالىقى ئۈچۈن قەسەم ئىچمىگەن.

پرېزىدېنت قۇرمانبەگ باقىيېۋ، ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ئۇنىڭقا قارشى تەدبىر قوللانمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بەرمەت ئاقايېۋانىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئاقايېۋنىڭ ئوغلىمۇ يېقىندا قايتىپ كېلىدىكەن. ئاقايېۋنىڭ ئوغلى بۇ يىل 2 - ئايدىكى سايلامدا بەرمەت ئاقايېۋا بىلەن بىرگە پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلانغان ئىدى. 3 - ئايدىكى سايلامدا بەرمەت ئاقايېۋا بىلەن بىلەن سايلام رىقابىتىگە چۈشكەن ئۆكتىچىلەر نامزاتىنىڭ سايلىنىش لاياقىتى ئېلىپ تاشلانغان.

بەرمەت ئاقايېۋانىڭ سايلام رىقابىتىدىكى رەقىبى، قىرغىزىستاننىڭ ئەنگىلىيىدىكى سابىق باش ئەلچىسى روزا ئوتانبايېۋا ئىدى. روزا ئوتانبايېۋا ھازىر قىرغىزىستاننىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.