قىرغىزىستاندىكى ئۆكتىچىلەر رەھبىرى بۇ يىل 7 - ئايدىكى پرېزىدېنت سايلىمىنىڭ رەسمى نامزاتى

قىرغىزىستاندىكى ئۆكتىچىلەر ھەرىكىتىنىڭ ئاچقۇچلۇق ئىسىملىرىدىن بىرى فىلىكس قۇلوۋ، دۈشەنبە كۈنى بۇ يىل 7- ئايدىكى پرېزىدېنتلىق سايلىمىدا ئۆزىنى نامزاتلىققا قويۇدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

قىرغىزىستاندىكى ئۆكتىچىلەر ھەرىكىتىنىڭ ئاچقۇچلۇق ئىسىملىرىدىن بىرى فىلىكس قۇلوۋ، دۈشەنبە كۈنى بۇ يىل 7- ئايدىكى پرېزىدېنتلىق سايلىمىدا ئۆزىنى نامزاتلىققا قويۇدىغانلىقىنى جاكالىدى. فىلىكس قۇلوۋ، بۇ يىل 24 - مارت ئىنقىلابىدىكى سىياسى داۋالغۇشنى تىنجىتىش يولىدا مۇھىم رول ئوينىغان شەخسلەرنىڭ بىرى. ئۇ، ئەگەر پرېزدېنتلىققا سايلىنىپ قالسا، ھازىرقى پرېزىدېنت قۇرمانبەگ باقىيېۋنى باش مىنىستىرلىققا تەيىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئاقايېۋ، دەۋرىدە بىر مەزگىل قىرغىزىستان ئامانلىق دائىرىلىرىنىڭ باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن فىلىكس قۇلوۋ، ئاقايېۋقا ئۆكتىچىلىكى بىلەن تونۇلغان ۋە شۇ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تۈرمىگە تاشلانغان ئىدى.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇ " ئەگەر مەن ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن سايلامدا غەلىبە قىلىپ قالسام، باقىيېۋنى باش مىنىستىرلىققا تەيىنلەيمەن،" دېگەن.

ئەمما قۇلوۋنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ھازىرقى پرېزىدېنت باقىيېۋ قۇلوۋنى ئەگەر ئۇ پرېزىدېنت نامزاتلىقىدىن ۋاز كەچسە، ئۇنى سايلامدىن كېيىن باش مىنىستىرلىققا تەيىنلەيدىغانلىقىغا ۋەدە قىلغان. بىراق باقىيېۋ، قۇلوۋنىڭ يۇقۇرىقى سۆزلىرىگە دەرھال ئىنكاس قايتۇرمىدى.

ھازىرقى پرېزىدېنت باقىيېۋ جەنۇبىي قىرغىزىستانلىق بولۇپ، شىماللىق قولۇۋنىڭ ھوقۇقنى شېرىكلىشىش تەكلىپى، شىماللىقلار بىلەن جەنۇبلۇقلار ئوتتۇرىسىدىكى ھوقۇق كۈرىشىنى يۇمشۇتۇش رولىنى ئوينايدۇ، دەپ قارالماقتا. ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى بۇ تەكلىپلەرنى قارشى ئالدى. بۇ ئارىدا قىرغىز پارلامېنتى دۈشەنبە كۈنى قىرغىزىستان ئاساسى قانۇنىنى ئىسلاھ قىلىشقا مەسىلىھەت بېرىدىغان مەخسۇس بىر كومىتېت قۇرغان. قىرغىزىستاندىكى سىياسى ئۆكتىچىلەر پارلامېنتقا تېخىمۇ چوڭ ھوقۇق بېرىشنى تەلەپ قىلماقتا ئىدى. (ئەركىن)