چارشەنبە كۈنى 200 دىن ئوشۇق كىشى قىرغىزىستان ئالىي سوت مەھكىمىسىگە بۆسۈپ كىرىپ، مەھكىمە بىناسىغا تاش ۋە كۆيۈشچان سۇيۇغلۇق قاچىلانغان بوتۇلكىلارنى ئاتقان.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، بېشكەك ساقچىلىرى نەق مەيدانغا دەرھال يېتىپ كېلىپ، بۇ كىشىلەرنى مەھكىمە بىناسىدىن قوغلاپ چىقارغان. بۇ، قىرغىزىستان ئۆكتىچىلىرىنىڭ سابىق پرېزىدېنت ئەسقەر ئاقايېفنىڭ تەختتىن چۈشۈشىگە سەۋەب بولغان سىياسىي ئىنقىلابىدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ قارشىلىق ھەرىكەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر نەپەر ساقچىنىڭ مەزكۇر ئاگېنتلىققا بىلدۈرۈشىچە، بۇ نامايىشچىلار سىياسىي ئىنقىلابتىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان سايلامدا ئورنىنى يوقاتقان پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئىكەن.
شۇنداقلا، قىرغىزىستان ئالىي سوت مەھكىمىسى، سابىق پرېزىدېنت ئاقايېفنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلەر سەۋەبىدىن چەتئەلگە قېچىپ كېتىشىدىمۇ مۇھىم رول ئوينىغان ھەمدە ئۇلارنىڭ 2 - ئايدىكى پارلامېنت سايلىمىنى قانۇنسىز دەپ جاكارلىشىمۇ، ئۆكتىچى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ھوقۇقنى قولىغا ئېلىشىغا تۈرتكە بولۇپ قالغان ئىدى.
ۋەقەدىن كېيىن، قىرغىزىستان ئالىي سوت مەھكىمىسى ئىشىك تاقاپ، ۋاقىتلىق خىزمەت توختاتتى. (پەرىدە)