قىرغىزىستان، سابىق باش مىنىستىر تانايېۋنىڭ ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان


2005.06.06

قىرغىزىستان باش تەپتىشىنىڭ دۈشەنبە كۈنى ئاشكارىلىشىچە، ئۇ قارغىزىستاننىڭ سابىق باش مىنىستىرى نىكولاي تانايېۋنى قولغا ئېلىش توغرىسىدا خەلقئارا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىپ، تانايېۋنى دۆلەتنىڭ مال - مۈلكىنى ئوغلىنىڭ نامىغا ئۆتكۈزۈۋېلىش بىلەن ئەيىپلىگەن.

قىرغىزىستان باش تەپتىشى ئەزىمبېك بەكنەزەروۋنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ تانايېۋنى رۇسىيىگە يوشۇرنىۋالدى، دەپ قارايدىكەن شۇنداقلا رۇسىيىدىن تانايېۋنى قىرغىزىستاندا ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. بەكنەزەروۋ، تانايېۋ بىلەن بىرگە قىرغىزىستاننىڭ سابىق پرېزىدېنتى ئەسقەر ئاقايېۋنىڭ كۈيوغلى ئادىل تويغانبايېۋنىمۇ تۇتۇش توغرىسىدا بۇيرۇق چىقارغان.

قىرغىزىستان باش تەپتىشىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ھۆكۈمەت ئالدىمىزدىكى ھەپتە ئىچىدە سابىق پرېزىدېنت ئاقايېۋنىڭ ئىچكى كابىنتىدىكى بەزى ئەزالار ئۈستىدىنمۇ تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىدىكەن.

بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، باش تەپتىش تانايېۋنى دۆلەتنىڭ 40 مىليون سومىنى ئوغلىنىڭ قىلىۋېلىش بىلەن ئەيىبلىگەن. ئەگەر بۇ راست بولۇپ چىقسا، تانايېۋ 8 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن.

ئاقايېۋ ھۆكۈمىتى بۇ يىل -24 مارتتىكى بېشكەك ئىنقىلابىدا ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، يېڭى ھۆكۈمەت ئاقايېۋنىڭ ئىقتىسادى خىيانەتچىلىكىنى سۈرۈشتۈرۈش كومىتېتى قۇرغان. مەزكۇر كومىتېت ئاقايېۋ ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى بىلەن مۇناسىۋىتى بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارالغان 175 شىركەت ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى. ئەمما بەزى سودىگەرلەر تەكشۈرۈش كومىتېتىنى خۇسۇسى شىركەتلەر ئۈستىدىن قانۇنسىز تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش بىلەن ئەيىبلىمەكتىكەن . (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.