بېشكەكتە سايلام ھارپىسىدا سەنئەت پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلمەكتە

0:00 / 0:00

10-ئىيۇن كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان پرېزىدېنت سايلام پائالىيىتىنىڭ ھارپىسىدا تىنچ سايلام كەيپىياتىنى يارىتىش ئۈچۈن، قىرغىزىستان دائىرىلىرى سەنئەت پائالىيەتلىرى قانات يايدۇرماقتا.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن 8-ئىيۇل كۈنى قىرغىزىستان دۆلەتلىك قىرغىز دراما- تىياتىرخانىسىدا ھەر مىللەت خەلقىنىڭ سەنئەت كونسېرت نومۇرلىرى كۆرسىتىلدى. بېشكەكتىكى ئىنتىزار ئۇيغۇر سەنەت ئۆمىكىمۇ ئۇيغۇرچە سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسەتتى.

بۇ ھەقتىكى تەپسىلي مەلۇماتلارنى، بېشكەكتە تۇرۇشلۇق ئىختىيارى مۇخبىرىمىز تۇرسۇن ئىسلامدىن ئاڭلاڭ.