0:00 / 0:00
26-ئىيۇل كۈنى قىرغىزىستان خەلق ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ 5- قېتىملىق قۇرۇلتىيى ئېچىلدى. قۇرۇلتايغا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ھەمدە ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن 500 دەك ۋەكىل قاتناشتى.
24-مارتتىكى دېموكراتىيە ھەرىكىتىنىڭ باشچىلىرىدىن پرېزىدېنت قۇرمانبېگ باقىيېف قۇرۇلتايدا سۆز قىلىپ، سايلام غالىبىيىتىنىڭ خەلق دېموكراتىيىسىنىڭ غەلىبىسى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى، قىرغىزىستاندىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز تۇرسۇن ئىسلامدىن ئاڭلاڭ.