قىرغىزىستان پارلامېنتى تەشكىللىك جىنايەتچىلىككە قارشى گۇرۇپپا قۇرۇشنى قارار قىلدى
2005.09.25
ئۆتكەن ھەپتىدە قىرغىزىستان پارلامېنت ئەزاسى بايامان ئەركىنبايېۋ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، قىرغىزىستان پارلامېنتى يىغىن ئېچىپ، باش مىنىستىر ئىشخانىسى قارمىغىدا تەشكىللىك جىنايەتچىلىككە قارشى كۈرەش قىلىش گۇرۇپپىسى تەسىس قىلىشنى مۇزاكىرە قىلدى. نەتىجىدە بۇ 52 ئاۋاز بىلەن قوبۇل قىلىندى.
قىرغىزىستاننىڭ دۆلەتلىك " قابار" ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا نۆۋەتتە، قىرغىزىستاندا تەشكىللىك جىنايەتچىلىك ھەرىكەتلىرى ئەۋجى ئېلىپ كەتكەن بولۇپ، زاكازلىق ئۆلتۈرۈشلەر داۋاملاشماقتا. بۇ قىرغىزىستاننىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە جەمئىيەت ئامانلىقىغا تەھدىت ئېلىپ كەلمەكتە.
پارلامېنت باش مىنىستىر فېلىكىس قۇلۇپنى جىنايەتچىلىككە قارشى كۈرەش قىلىش گۇرۇپپىسىغا رەھبەرلىك قىلىشنى ھاۋالە قىلغان ھەمدە ئەركىنبايېۋنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش دېلوسىنى تېزدىن ئېنىقلاشنى ئورۇنلاشتۇرغان.
ئۆتكەن ھەپتىدە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان ئازىمبېك بېكنازاروپمۇ ئۆز ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشىدىن ئەنىسرەپ يوشۇرۇنىۋالغان.بۇ بىر قاتار ۋەقەلەر دېموكراتىك ئىنقىلابنىڭ غەلىبىسىدىن كېيىن ھاكىمىيەتنى ئىگىلىگەن يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ خەلق ئىچىدىكى تەسىرىگە قىسمەن سەلبىي تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. (ئۈمىدۋار)