قىرغىزىستاندا يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارغا قەست قىلىش كۆپەيمەكتە

0:00 / 0:00

قىرغىزىستاندىكى ئۆكتىچىلەر ئىنقىلابىدىن كېيىن ھۆكۈمەت تەشكىللىك جىنايەتچىلىككە قارشى ھەرىكەت قوللىنىش ھەققىدە سۆزلىگەن بولسىمۇ، ئەمما ھازىرغىچە چارە كۆرۈلمىگەن. قىسقىغىنا بىر قانچە ئاي ئىچىدە ئۈچ نەپەر پارلامېنت ئەزاسى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.

20-ئۆكتەبىر كۈنى بېشكەكنىڭ يېنىدىكى 31-نومۇرلۇق جىنايەتچىلەر لاگېرىدا جىنايەتچىلەرنىڭ ئىچكى توپىلىڭى يۈز بېرىپ، نەتىجىدە ۋەقەنى بەسىقتۇرۇشقا كەلگەن پارلامېنت ئەزاسى تىنچتىق بېك ئاخماتبايېۋ ئۆلتۈرۈلگەن. نەق مەيدانغا قىرغىزىستان باش مىنىستىرى فېلىكىس قۇلوپ قاتارلىقلار يېتىپ كەلگەن ھەمدە ساقچى قوشۇنلىرى ئىشقا سېلىنغان.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا قىرغىزىستاندىكى جەمئىيەت ئامانلىقى مەسىلىلىرى كۈنسايىن مۇرەككەپلەشكەن بولۇپ، جىنايى گۇرۇپپىلار ۋە سىياسىي غەرەزدىكىلەرنىڭ ئاغدۇرمىچىلىقى كىشىلەرگە خاتىرجەمسىزلىكلەرنى ئېلىپ كەلمەكتە. بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتلارنى، قىرغىزىستاندىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز تۇرسۇن ئىسلامدىن ئاڭلاڭ.