قىرغىزىستان، پارلامېنت ئەزاسىنىڭ تۈرمىدە ئېتىپ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسىنى تەكشۈرمەكتە

قىرغىزىستان پرېزىدېنتى قۇرمانبېك باقىيېف، بېشكەك ئەتراپىدىكى بىر تۈرمىنى تەرتىپكە سېلىش ئۈچۈن بارغان پارلامېنت ئەزاسى تىنچبېك ئاخماتبايېف ۋە ئىككى ياردەمچىسىنىڭ مەھبۇسلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۇش ۋەقەسى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى بۇيرىدى.

قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاخماتبايېف ۋە ئۇنىڭ ئىككى ياردەمچىسى پەيشەنبە كۈنى بېشكەك ئەتراپىدىكى 31 - نۇمۇرلۇق تۈرمىگە بارغىنىدا گۆرۈگە ئېلىنىپ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. ئاخماتبايېف قىرغىزىستان پارلامېنتىنىڭ بىخەتەرلىك ۋە سىياسەت كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئىدى. بەزى مەلۇماتلاردا، ئاخماتبايېفنىڭ يېنىدىكى ئادەملەرنىڭ ئالدى بىلەن مەھبۇسلارغا ئوق چىقارغانلىقى ئېيتىلماقتا. قىرغىزىستان دائىرىلىرى بىخەتەرلىكنى چىقىش قىلىپ، تۈرمىدىكى بارلىق خادىملارنى تۈرمىدىن كەتكۈزىۋەتكەن. نۆۋەتتە مەزكۇر تۈرمىنى قىرغىزىستان بىخەتەرلىك قىسىملىرى قورشاۋغا ئېلىپ كۈزەتمەكتە.

رويتىرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، قىرغىزىستاندا 18 مىڭدىن ئارتۇق مەھبۇس بولۇپ، تۈرمىنىڭ شارائىتلىرى ئىنتايىن ناچار ئىكەن. ئاخماتبايېف بۇ تۈرمىگە نارازىلىقلارنى بېسىقتۇرۇپ تەرتىپكە سېلىش ئۈچۈن بارغان ئىكەن. قىرغىزىستان باش مىنىستىرى كۇلۇف پەيشەنبە كۈنى كەچتە تۈرمىدىكىلەر بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ئۇلارنى بىر قىسىم قوراللار ۋە ئۆلگەنلەرنىڭ جەسىتىنى تاپشۇرۇشقا قايىل قىلغان.

قىرغىزىستان ئەدىلىيە مىنىستىرلىقى تۈرمە باشقۇرۇش دائىرىلىرىنىڭ باياناتچىسى سېرگىي سىدوروف نۆۋەتتە ۋەزىيەتنىڭ ئىنتايىن جىددىي بولسىمۇ، كونترول ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى. (ئارزۇ)