قىرغىزىستاننىڭ دۆلەتلىك "قابار" ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، جۈمە كۈنىدىن ئېتىبارەن قىرغىزىستاننىڭ پايتەختى بىشكەك شەھىرىدىكى ھۆكۈمەت ۋە پارلامېنت بىناسى ئالدىدا بىر قانچە يۈز كىشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈپ، باش مىنىستىر فېلىكىس قۇلوپنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.
20-ئۆكتەبىر كۈنى بىشكەك يېنىدىكى 31-نومۇرلۇق تۈرمىگە تەكشۈرۈشكە بارغان پارلامېنت ئەزاسى تىنىچبېك ئاخماتابايېۋ قاتارلىق توت كىشى ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن باش مىنىستىر فېلىكىس قۇلوپ، بۇ تۈرمىگە كىرىپ، توپىلاڭ كۆتۈرگەن جىنايەتچىلەر بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ۋەزىيەتنى مۇقىملاشتۇرغان ئىدى.
بۇ قېتىم نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەنلەر پارلامېنت ئەزاسى تىنىچبېك ئاخماتبايېۋنىڭ تۇغقانلىرى ۋە تەرەپدارلىرى بولۇپ، ئۇلار قۇلۇپنى ئاخماتبايېۋنى ئۆلتۈرۈش بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىغان.
باش مىنىستىر فېلىكىس قۇلوپ، بۇ ئەيىبلەشنى رەت قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ ئادەملەرنىڭ تەلىپىگە بىنائەن ئىستىپاغا چىقمايدىغانلىقىنى، پەقەت رەسمى قانۇنىي ئاساس ۋە دېموكراتىك تەرتىپ بويىچە ئىستىپا بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە، ئۆزىنىڭ تۈرمىدە ئۆلگۈچى تىنىچبېك ئاخماتبايېۋنىڭ تۇغقانلىرى بىلەن كۆرۈشۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
تەھلىللەرگە قارىغاندا ھازىر قىرغىزىستاندا قارا قوللار گۇرۇھى بىلەن ھاكىمىيەت ئارىسىدىكى كۈرەش ئۆتكۈرلەشكەن بولۇپ، تەشكىللىك جىنايەتچىلىككە قارشى تۇرۇپ، جەمئىيەتتە خاتىرجەملىك يارىتىش خەلقنىڭ جىددىي تېلىپ بولۇپ قالماقتا. (ئۈمىدۋار)