قىرغىزىستان سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى جۇمھۇرىيەتلىرىدىن ئۆز قەرزىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلماقتا


2005.10.30
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

قىرغىزىستاننىڭ دۆلەتلىك "قابار" ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى جۇمھۇرىيەتلىرىدىن يەنى بالتىق دېڭىزى بويىدىكى لاتۋىيە، لىتۋا ۋە ئېستونىيەلەردىن شۇنىڭدەك يەنە ئۇكرائىنىيە، مولداۋىيە ۋە تاجىكىستانلاردىن سوۋېت دەۋرىدىن ئېشىپ قالغان قەرزلىرىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى رەسمى تەلەپ قىلغان. ئەمما تاجىكىستاندىن باشقا جۇمھۇرىيەتلەر بۇنداق قەرزنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى ئېيتىپ، ئۇنى ئىنكار قىلىپ، قايتۇرۇشنى رەت قىلغان.

ئېستونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئۇرماس پائەت قىرغىزىستاننىڭ ئېستونىيىدىن ئالماقچى بولغان 84 مىڭ دوللار قەرز پۇلى ھەققىدە ھېچقانداق قانۇنىي ئاساسىي يوقلىقىنى، چۈنكى بۇنى تاجاۋۇزچىلار پەيدا قىلغان ئىش ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئېستونىيە ئەينى ۋاقىتتا سوۋېت ئىتتىپاقى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىۋېلىنغان زېمىن بولغاچقا، بۇنىڭغا سوۋېت ئىتتىپاقى جاۋابكار بولۇش كېرەك، ئەمما تاجاۋۇچىلاردىن يەنى سوۋېت ئىتتىپاقىدىن قەرز تەلەپ قىلىش مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى ھازىر ئۇ مەۋجۇت ئەمەس. ئۇ يەنە سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلىش ۋاقتىدا ھەر قايسى ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن بىر-بىرىدىن سوۋېت دەۋرىگە مۇناسىۋەتلىك ھېچقانداق ئەرز ۋە تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويماسلىققا پۈتۈشكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، قىرغىزىستاننى سۆزىگە رىئايە قىلىشقا دەۋەت قىلغان.

قىرغىزىستان ئۇچۇرلىرىدىن قارىغاندا، قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى ھەر قايسى سابىق سوۋېت جۇمھۇرىيەتلىرىدىن ئالىدىغان 31 مىليون 400 مىڭ دوللار بارلىقىنى ھېسابلاپ چىققان، تاجىكىستان قىرغىزىستاندىن ئالغان ئېلېكتىر ئېنېرگىيىسىنىڭ ھەققى بولغان 2 مىليون دوللارنى، ئۇكرائىنىيە ئالغان ئۇراننىڭ ھەققى بولغان 27 مىليون دوللارنى تۆلىمىگەن ئىكەن. ئۇكرائىنىيە بۇ پۇلنى بەرمىگەنلىكى ئۈچۈن 2002-يىلى قىرگجىزىستان ئۇكرائىنىيىنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىشىگە قارشى ئاۋاز بەرگەن. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.