قىرغىزىستان پرېزىدېنتى قۇرمانبېك باقىيېف چارشەنبە كۈنى قىرغىزىستان دائىرىلىرىنىڭ تۈرمىلەردە يۈز بەرگەن توپىلاڭلارنى قورال كۈچى بىلەن باستۇرۇشىنى ئاقلىدى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، قىرغىزىستان تۈرمىلىرىدىكى توپىلاڭ، بىر پارلامېنت ئەزاسىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىگە چېتىشلىق دەپ قارالغان 28 مەھبۇسنى يۆتكەش جەريانىدا كېلىپ چىققان. كېيىن بۇ توپىلاڭ قىرغىزىستاندىكى بارلىق تۈرمىلەرگە تېزلىك بىلەن كېڭەيگەن.
قىرغىزىستان ئالاھىدە ھەرىكەت قىسىملىرى سەيشەنبە كۈنى بىرونىي تانكىلارنىڭ ھىمايىسىدە، توپىلاڭلارنى باستۇرغان. بۇ جەرياندا، مولدوۋانوۋكا تۈرمىسىدە ئىككى مەھبۇس، بېشكەكنىڭ سىرتىدىكى 31 - نومۇرلۇق تۈرمىدە يەنە ئىككى مەھبۇس ئۆلگەن. ھۆكۈمەت دائىرىلىرى يەنە نۇرغۇن قوراللارنى ئولجىغا ئالغان.
پرېزىدېنت قۇرمانبېك باقىيېف، ساقچىلارنىڭ سەيشەنبە كۈنىدىكى ھەرىكىتىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ ۋەزىيەتنى كونترول قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە، تۈرمىلەردىكى بۇ خىل قالايمىقانچىلىقلارنىڭ كېلىپ چىقىشىدا سابىق ئاقايېف ھۆكۈمىتىنىڭ مەسئولىيىتى چوڭلىقىنى كۆرسەتتى.
بۇ ئارىدا،قىرغىزىستان تۈرمە سېستىمىسىنىڭ مەسئولى كاپار مۇقايېف،دۆلەتتىكى بارلىق تۈرمىنىڭ نۆۋەتتە ھۆكۈمەت كونتروللىقىدا ئىكەنلىكىنى ھەمدە مەھبۇسلارغا قوللىرىدىكى قوراللىرىنى تاپشۇرۇش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، سەيشەنبە كۈنىدىكى توقۇنۇش، قىرغىزىستاننىڭ يېڭى رەھبەرلىرىنىڭ تېخى دۆلەتتە قانۇن ۋە تەرتىپنى ئورنىتالمىغانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن. (ئارزۇ)