قىرغىزىستان باش مىنستىرى جىناي گۇرۇپپىلارغا قارشى كۈرەشنى كۈچەيتىشكە چاقىردى


2006.02.01

قىرغىزىستاندا ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتقان جىنايى پائالىيەتلەر ۋە نارازىلىق ھەرىكەتلىرى قىرغىزىستان خەلقىنى بىئارام قىلىۋاتىدۇ. قىرغىزىستان خەلقى ھۆكۈمەتتىن جىنايى گۇرۇپپىلارغا قارشى جىددىي تەدبىر ئېلىشىنى تەلەپ قىلماقتا. لېكىن ھۆكۈمەت ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلار تۈپەيلىدىن تەدبىر قوللىنىشتا چارىسىز قالماقتا.

قىرغىزىستان باش مىنستىرى فىلىكس قولوف، 1‏- فېۋرال كۈنى قىرغىزىستان ساقچىلىرىغا، جامائەت خەۋپسىزلىكىگە تەھدىت قىلىۋاتقان تەشكىللىك جىنايەت پائالىيەتلىرىگە قارشى كۈرىشىنى كۈچەيتىشى ھەققىدە بۇيرۇق بەردى.

فىلىكس قولوف، بېشكەكتە قىرغىزىستان ساقچى ئىدارىلىرىنىڭ ئوفىتسېرلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشىدا، بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى، جىنايى گۇرۇپپىلارنى جىنايى نىيەتلىرىدىن ۋاز كەچۈرىدىغان كېرەكلىك تەدبىرلەرنى ئېلىشتىن ئىبارەت. جىنايى گۇرۇپپىلارنى بۆلۈپ- پارچىلاپ، ئۇلارنى قانۇن بويىچە ئادالەتكە تەسلىم قىلىش ئارقىلىق، بۇ جىنايى گۇرۇپپىلارنى بىچ چىت قىلىڭلار، دېگەن.

لېكىن، ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھۆكۈمەتتىن بىخەتەرلىك ئورگانلىرىغا ئاجراتقان پۇل مىقدارىنى كۆپەيتىشىنى تەلەپ قىلغان قىرغىزىستان ئىچكى ئىشلار مىنستىرى مۇرات سۇتالىنوف، بىز بىكارغا ئىشلىمەيمىز. مەن ئوفىتسېرلىرىمىنى ئەللىك دوللار مائاش ئۈچۈن باندىتلارنىڭ ئوقلىرىغا كۆكرەك كېرىشكە مەجبۇر قىلالمايمەن، دېگەن.

قىرغىزىستاندا جىنايى گۇرۇپپىلارنىڭ پائالىيەتلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ھۆكۈمەت ئىچىدىكى ئىختىلاپلارمۇ كۈچەيمەكتە. ھۆكۈمەت ئىچىدىكى بەزى ئەمەلدارلارنىڭ ھەتتا باش مىنىستىرىنىڭ بۇيرۇقلىرىغا پىسەنت قىلمايدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلمەكتە. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.