قىرغىزىستان ئامېرىكىغا ماناس ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى تاقاش توغرىسىدا تەھدىت سالدى
2006.05.30
قىرغىزىستان باش مىنىستىرى فىلىكس قۇلوف سەيشەنبە كۈنى قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى ئامېرىكىدىن ماناس ھاۋا ئارمىيە بازىسى ئۈچۈن تەلەپ قىلغان ئىجارە ھەققىنى ئالالمىسا، ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى تاقاش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى بىلدۈردى. ئامېرىكا بىلەن قىرغىزىستان ماناس ھاۋا ئارمىيە بازىسىنىڭ يىللىق ئىجرا ھەققى توغرىسىدا تالاش تارتىش قىلىشماقتا.
فىلىكس قۇلوف، مەزكۇر بازا " تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇش داۋام قىلغان جەريان ئىچىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرسا ۋە ئافغانىستان ۋەزىيىتى ئوڭشالغىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرسا بولىدۇ" دەپ تەكىتلىگەن. باش مىنىستىر قۇلوف يۇقىرىقى سۆزلەرنى ئامېرىكىنىڭ بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى بىلەن ماناس ھاۋا ئارمىيە بازىسىنىڭ ئىجارە ھەققىنى ئۆستۈرۈش مەسىلىسى بويىچە سۆھبەت ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بىر چاغدا ئېلان قىلدى. پرېزىدېنت قۇرمانبەگ باقىيېف ئەگەر ئامېرىكا قىرغىزىستان بىلەن پەيشەنبە كۈنگىچە ماناس ھاۋا ئارمىيە بازىسىنىڭ ئىجارە ھەققىنى ئۆستۈرۈپ بېرىش مەسىلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلمىسا، ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ قىرغىزىستاندىن چىقىپ كېتىشنى تەلەپ قىلىمىز، دەپ تەھدىت سالغان.
قىرغىزىستان 2001 - يىلى 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن ، ئامېرىكا قىسىملىرىنى ھاۋا ئارمىيە بازىسى بىلەن تەمىنلەشكە باشلىغان. باقىيېف ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ ماناس ھاۋا ئارمىيە بازىسى ئۈچۈن قىرغىزىستانغا يىلدا 200 مىليون دوللار ئىجارە ھەققى تۆلىشىنى تەلەپ قىلماقتا. لېكىن بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئامېرىكا تەرەپ ئىجارە ھەققىنى كۆپەيتىشنى خالىسىمۇ، لېكىن قىرغىزىستان تەلەپ قىلغان ئىجارە سوممىسىنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغان.
ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى ئامېرىكىنىڭ خانئاباد ھاۋا ئارمىيە بازىسىدىكى قىسىملىرىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىشنى تەلەپ قىلغاندىن كېيىن، ماناس ھاۋا ئارمىيە بازىسىنىڭ ئەھمىيىتى تېخىمۇ كۈچەيدى. قىرغىزىستان تەرەپنىڭ ئەسكەرتىشىچە ، ئىككى تەرەپ پەيشەنبە كۈنگىچە كېلىشم ھاسىل قىلىشى مۇمكىن. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- باقىيېۋ ئامېرىكا ئارمىيە بازىسى ھەققىدە توختالدى
- قىرغىزىستان ئامېرىكىدىن ھەربىي بازىسىغا تۆلەيدىغان ئىجارە ھەققىنى ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلدى
- قىرغىزىستان باش مىنستىرى جىناي گۇرۇپپىلارغا قارشى كۈرەشنى كۈچەيتىشكە چاقىردى
- قىرغىزىستاندا ئامېرىكىنى قوللاش نامايىشى يۈز بەردى
- ئامېرىكا تەلەپ قىلىنغان شارائىتتا، قازاقىستاندا ھەربىي بازا ئېچىشى مۇمكىن