قىرغىزىستاندا بەش نەپەر ئىسلام مىلىتانى ساقچىلار بىلەن بولغان توقۇنۇشتا ئۆلتۈرۈلدى

بەش نەپەر ئىسلام جەڭچىسى جۈمە كۈنى جەنۇبىي قىرغىزىستاننىڭ جالالئاباد شەھىرىدە قىرغىزىستان ئامانلىق كۈچلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى. قىرغىزىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، قىرغىز ئامانلىق كۈچلىرى جۈمە كۈنى جالالئاباد شەھىرىدە بىر ئۆيگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۆيدىكى 5 نەپەر ئىسلام جەڭچىسىنى ئۆلتۈرگەن.

قىرغىزىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى نۇردىن جانگارايىپ، دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى خادىملىرى ۋە ساقچىلارنىڭ جالالئابادتىكى بىر ئۆيگە يوشۇرۇنىۋالغان ئۆزبېكىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ دىنىي ئەسەبىي كۈچلىرىنى قورشىۋېلىپ تەسلىم بولۇشقا چاقىرغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا ئېلان قىلغان باياناتىدا " ئىسلامچى مىلىتانلار چاقىرىقىمىزغا ئوق ئېتىپ جاۋاپ بەردى" دەيدۇ. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۆزبېكىستان ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ بۇ 5 نەپەر جەڭچىسى ساقچىلار بىلەن بولغان توقۇنۇش جەريانىدا ئۆلتۈرۈلگەن.

قىرغىزىستان دائىرىلىرى بۇ كىشىلەر ئۆتكەن دۈشەنبە كۈنى بىر قىرغىز ساقچىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنى ۋە 3 كىشىنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئېتىشىش ۋەقەسى بىلەن ئالاقىدار، دەپ قارىماقتا. بۇ يىل 5 - ئايدا ئاز دېگەندە 4 نەپەر قىرغىز ۋە تاجىكىستان چېگرا مۇداپىئە خادىمى قوراللىق ئۇنسۈرلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. ئۆزبېكىستان ئىسلام ھەرىكىتى تالىبان دەۋرىدە رايوندىكى ئاكتىپ قوراللىق تەشكىلاتلارنىڭ بىرى ئىدى. لېكىن بۇ تەشكىلات 11 - سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستان ھەرىكىتى جەريانىدا ئېغىر زەربىگە ئۇچرىغان. (ئەركىن)