قىرغىز ئۆكتىچىلىرى ھۆكۈمىتىنىڭ تازىلاش ھەرىكىتىنى ئەيىبلىدى
2006.08.17
قىرغىزىستاندىكى سىياسىي ئۆكتىچىلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىنىڭ، قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىي رايونىدا رادىكال گۇرۇپپىلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان تازىلاش ھەرىكىتىنى تەنقىد قىلدى.
ئاسابا پارتىيىسىنىڭ رەئىسى ۋە سابىق قىرغىزىستاننىڭ باش تەپتىشى ئەزىمبېك بېكنەزەروف پەيشەنبە كۈنى قىرغىزىستان بېخەتەرلىك ئورگانلىرىنى جالالئاباد ۋە ئوش رايونلىرىدا ئېلىپ بارغان ھەرىكەتلىرىدە، كىشىلەرنى سەۋەپسىز تۇتۇپ قانۇنلارنى دەپسەندە قىلغان دەپ ئەيىبلىدى. بېكنەزەروفنىڭ ئېيتىشىچە، 6 - ئاغۇست كۈنى ئۆلتۈرۈلگەن ئاتاقلىق ئىمام مۇھەممەت رەفىق كامالوف قاتارلىق نۇرغۇن بىگۇنا كىشىلەر قىرغىز بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ رايوندا ئېلىپ بارغان ھەرىكىتىنىڭ قۇربانى بولغان.
قىرغىزىستان كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىسى تۇرسۇنباي باقىرئوغلى بولسا، قىرغىزىستان بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ ئوش ۋە جالالئاباد رايونلىرىدا ئېلىپ بارغان ھەرىكەتلىرىدە، گۇماندارلارنى تۇتۇش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىگە ئالدىنئالا چەكلەنگەن تەشۋىقات ماتېرىياللىرى ۋە قورال يوشۇرۇپ قويۇپ، ئاندىن ئۇلارنى تۇتۇپ قامىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
بېك نەزەروف ۋە باقىر ئوغلى پەيشەنبە كۈنى بېكشەكتە بەرگەن باياناتىدا، قىرغىزىستان بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ بۇ تازىلاش ھەرىكىتىنى ئۆزبېكىستان دائىرىلىرى بىلەن ھەمكارلاشقان ھالدا ئېلىپ بارغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇلار شۇنداقلا ئاھالىسىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۆزبېكلەردىن تەشكىل تاپقان بۇ رايوندا ئېلىپ بېرىلغان تازىلاش ھەرىكىتى، ئېتنىك توقۇنۇشلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن دەپ ئاگاھلاندۇردى.
ئەمما قىرغىزىستان مىللىي بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك خادىمى ئويتالبېك ئوسمانوف بېك نەزەروف ۋە باقىر ئوغلىنىڭ ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلىپ، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستان بىخەتەرلىك دائىرىلىرىنىڭ پەقەت ئۇچۇر ئالماشتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى. (قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- بېشكېكتىكى ئۆكتىچىلەر ھۆكۈمەتكە نارازلىق بىلدۈردى
- قىرغىزىستاندا جۇمھۇرىيەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى چاقىرىلدى
- قۇرمانبېك باقىيېۋ بۇ يىل يېرىم يىللىق خىزمىتىدىن ھېسابات دوكلاتى بەردى
- قىرغىزىستاندا بەش نەپەر ئىسلام مىلىتانى ساقچىلار بىلەن بولغان توقۇنۇشتا ئۆلتۈرۈلدى
- ئوتتۇرا ئاسىيا دۈلەتلىرى دېموكراتىك ھەرىكەتلەرنى باستۇرۇۋاتىدۇ