قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى، ئوش رايونىدىكى ئىسلامچىلارنى تەسلىم بولۇشقا چاقىردى
2006.08.21
قىرغىزىستان مىللىي بىخەتەرلىك كېڭىشى، قىرغىزىستاننىڭ ئوش رايونىدىكى ھىزبۇتەھرىر ۋە تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكىتى دەپ ئاتالغان ئۆزبېكىستان ئىسلامى ھەرىكىتى ئەزالىرىنى 1- سېنتەبىر كۈنىگىچە قوراللىرىنى تاشلاپ تەسلىم بولۇشقا چاقىردى.
قىرغىزىستان مەتبۇئاتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قىرغىزىستان مىللىي بىخەتەرلىك كېڭىشى تەرىپىدىن بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئېلان قىلىنغان باياناتدا، 1- سېنتەبىر كۈنىگىچە قوراللرىنى تاپشۇرۇپ تەسلىم بولمىغان مىلىتانلارنىڭ قاتتىق جازالىنىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.
رۇسىيىنىڭ ئىنتەر فاكس ئاگېنتلىقى 19- ئاۋغۇست كۈنى، قىرغىزىستان بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ، قىرغىزىستاننىڭ ئوش رايونىدا يوشۇرۇنغان مىلىتانتلار ھەققىدە ھۆكۈمەتكە خەۋەر بەرگەنلارگە100- مىڭ سوم يەنى ئىككى مىڭ بەش يۈز ئامېرىكا دوللىرى سۆيۈنچە بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.
قىرغىزىستان دائىرىلىرى بىر نەچچە ھەپتە بۇرۇن قىرغىزىستاننىڭ ئوش ۋە جالالئاباد رايونىدىكى ئىسلامىي گۇرۇپپىلارنىڭ پائالىيەتلىرىنى باستۇرۇش ئۈچۈن بۇ رايوندا كەڭ كۆلەملىك بىر تازىلاش ھەرىكىتى باشلىغان. ئەمما قىرغىزىستاندىكى سىياسىي ئۆكتىچىلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، قىرغىز بىخەتەرلىك قىسىملىرىنى ئۆزبېكىستان بىخەتەرلىك قىسىملىرى بىلەن بىرلىكتە ئېلىپ بارغان بۇ تازىلاش ھەرىكىتى جەريانىدا بىگۇناھ كىشىلەرنى ئىسلامىي ھەرىكىتى ئەزاسى دەپ تۇتۇپ، ئۇرۇپ ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتىدۇ، دەپ قاتتىق ئەيبلىمەكتە. (قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- قىرغىز ئۆكتىچىلىرى ھۆكۈمىتىنىڭ تازىلاش ھەرىكىتىنى ئەيىبلىدى
- بېشكېكتىكى ئۆكتىچىلەر ھۆكۈمەتكە نارازلىق بىلدۈردى
- قىرغىزىستاندا جۇمھۇرىيەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى چاقىرىلدى
- قۇرمانبېك باقىيېۋ بۇ يىل يېرىم يىللىق خىزمىتىدىن ھېسابات دوكلاتى بەردى
- قىرغىزىستاندا بەش نەپەر ئىسلام مىلىتانى ساقچىلار بىلەن بولغان توقۇنۇشتا ئۆلتۈرۈلدى