قىرغىزىستان دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگانلىرى، قىرغىزىستاندىكى مۇسۇلمان دىنىي زاتلارنىڭ پائالىيەتلىرىنى قاتتىق كونترول قىلىشنى قارار قىلدى.
رۇسىيە مەتبۇئاتىدا چىققان خەۋەرلەرگە قارىغاندا، قىرغىزىستان بىخەتەرلىك كېڭىشى، قىرغىزىستاندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي پائالىيىتى ئۈستىدىكى كونتروللىقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن مەخسۇس بىر پىلان تەييارلىغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ پىلانغا ئاساسەن، ھۆكۈمەتنىڭ بۇندىن كېيىن بولۇپمۇ قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ئوش، جالالئاباد ۋە باتكېن رايونلىرىدا ياشاۋاتقان ياكى بۇرۇن بۇ رايوندا ياشىغان ئۇيغۇر ۋە ئۆزبېك دىنىي زاتلارنىڭ پائالىيەتلىرىنى يېقىندىن كۈزىتىدىكەن.
قىرغىزىستان بىخەتەرلىك كېڭىشى تەرىپىدىن تۈزۈلگەن مەزكۇر پىلاندا يەنە، قىرغىزىستاندىكى دىنىي مەكتەپلەرنىڭ دەرس پروگراممىلىرى، مەسچىتلەردە ئىماملارنىڭ سۆزلىرى ۋە بېرىدىغان ۋەزلىرىنى قاتتىق كونترول قىلىش، دىنىي زاتلارنىڭ چەتئەللىك سودىگەرلەر بولۇپمۇ پاكىستان، ئىران، تۈركىيە ئەنگىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ھەمدە ئەرەپ دۆلەتلىرىدىكى سودىگەرلەر بىلەن بىرلىشىپ تىجارەت قىلىشنى چەكلەش، چەتئەللەردىكى دىنىي مەكتەپلەردە بولۇپمۇ، سەئۇدىي ئەرەبىستان، كۇۋەيت، پاكىستان ۋە مىسىر قاتارلىق دۆلەتلەردە ئوقىغان، 35 ياشتىن كېچىك كىشىلەرنىڭ ھەرىكەتلىرىنى يېقىندىن كۆزىتىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
قىرغىزىستان مەتبۇئاتىدا، قىرغىزىستاندىكى دىنىي زاتلارنىڭ رادىكال ئىسلام تەشكىلاتلىرى بىلەن ئالاقىسى بارلىقى توغرىسىدا خەۋەرلەر چىققان ئىدى.
قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى يېقىندا، قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىي رايونىدىكى دىنىي گۇرۇپپىلارغا قارشى بىر تازىلاش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان. ھۆكۈمەتنىڭ بۇ تازىلاش ھەرىكىتى قىرغىزىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان بولۇپ، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى قىرغىزىستان بىخەتەرلىك قىسىملىرىنى ئۆزبېكىستان بىخەتەرلىك قىسىملىرى بىلەن بىرلىكتە ئېلىپ بارغان ھەرىكىتى جەريانىدا، بىگۇناھ پۇقرالارنى خالىغىنىچە تۇتۇپ، قىينىغان دەپ، ئەيىبلىگەن. ئۇلار ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ھەرىكىتى قىرغىزىستاندا ئېتنىك بىر توقۇنۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىشى مۇمكىن دەپ، ئاگاھلاندۇرغان ئىدى. (ئەقىدە)