قىرغىز ئۆكتىچى تەشكىلاتلىرى قىرغىزىستاندا سىياسى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى


2006.09.18

قىرغىز ئۆكتىچى تەشكىلاتلىرى قىرغىزىستاندا ئاساسى قانۇن ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىش ۋە پرېزىدېنت قۇرمانبېك باقىيېۋنىڭ ئىككى ئىنىسىنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاشنى تەلەپ قىلدى.

قىرغىزىستان ئۆكتىچى گۇرۇھلار يەكشەنبە كۈنى يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، ئەگەر پرېزىدېنت قۇرمانبېك باقىيېۋ بىر ئايغىچە ئۆكتىچى گۇرۇھلارنىڭ تەلىپىنى ئورۇندىمىسا، باقىيېۋنىڭ ئىستىپا بېرىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

پرېزىدېنت باقىيېۋنىڭ ئىنىسى ۋە قىرغىزىستان دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جانىبېك باقىيېۋ، ئۆكتىچىلەر رەھبىرى ئۆمۈربېك تەكەبايېۋنىڭ سومكىسىغا خېروئىن تىقىپ قويۇش ۋەقەسى بىلەن چېتىلىپ قالغان ۋە بۇ ۋەقە جانىبېك باقىيېۋنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى.

ئۆكتىچى گۇرۇھلار يەكشەنبە كۈنى باقىيېۋنى ئۆز نەپسىگە چوغ تارتىش ۋە خىيانەتچىلىك بىلەن ئەيىپلەپ، ئۇنىڭ خىتاي ۋە بېرلىندا قىرغىزىستان باش ئەلچىسى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەيدىغان ئىككى ئىنىسىنىڭ ھۆكمەت خىزمىتىدىن نيىراقلاشتۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇلار باقىيېۋنىڭ ئاساسى قانۇن ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىش توغرىسىدا بەرگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشنى، ھۆكۈمەت ۋە دۆلەت مەجلىسىگە تېخىمۇ چوڭ ھوقۇق بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، باقىيېۋنىڭ باياناتچىسى كلارا كابىلوۋا، ئۆكتىچىلەرنىڭ تەلىپى " بىرقانچە قانۇن چىقارغۇچى" تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان، شۇڭا بۇ خەلقنىڭ تەلىپى، دەپ قارالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.