0:00 / 0:00
قىرغىزىستاندا تەشكىللىك جىنايەتچىلىك يەنىلا ئەۋجى ئالماقتا. گەرچە يېڭى ھۆكۈمەت جىنايى ھەرىكەتلەرگە زەربە بېرىپ، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ياخشىلايدىغانلىققا ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، بىراق ھازىرغىچە بۇنىڭ ئۈنۈمىنىڭ يېتەرلىك دەرىجىدە ياخشى بولمىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.
قىرغىزستاندىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز تۇرسۇن ئىسلامنىڭ ئۇچۇر بېرىشىچە، يەنە 15-ئوكتەبىر كۈنى قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ئوش شەھەرلىك كېڭەش ئەزاسى، ئۆزبېك جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئايبەك ئالىمجانوپ ئۆلتۈرۈلگەن. بۇ ۋەقە قىرغىزىستان رەھبەرلىرىنىڭ دىققىتىنى يەنە بىر قېتىم تەشكىللىك جىنايەتچىلىككە زەربە بېرىشكە بۇراشقا سەۋەب بولماقتا.