قىرغىزىستاندىكى ئۆكتىچى گورۇھ ۋە پارتىيىلەرنىڭ ئەزالىرى، قىرغىزىستاننىڭ پايتەختى بېشكەكتە نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈپ، قۇرمانبېك باقېيىفنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىشىنى تەلەپ قىلدى.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ پەيشەنبە كۈنى بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، باقېيىف سۆز قىلىپ، ئۆكتىچىلەرنىڭ ، پرىزىدېنتلىق ھوقۇق دائىرىسى ئىچىدىكى بىر قىسىم ھوقۇقلارنى پارلامېنتتا ئىسلاھ قىلىش تەلىپىنى رەت قىلغان.
باقېيىفنىڭ ئېيتىشىچە، ھوقۇق تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىش پىكىرىنى كۆپ ۋاقىت سەرىپ قىلىپ، تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلىدىكەن، شۇڭا ئۇ ئۆكتىچى كۈچلەرنىڭ دەرھال نامايىشنى توختىتىپ، سۆھبەت ئۈستىلىگە قايتا كېلىشىنى تەشەببۈس قىلدى.
نامايىشچىلار، پەيشەنبە كۈنى ئەتىگەندە بېشكەك شەھىرىگە يىغىلغان بولۇپ، قىرغىزىستان دائىرىلىرى ئامانلىق ساقچىلىرىنى شەھەر ئىچىگە چارلاشقا قويۇۋەتكەن، ۋەزىيەتنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشچە، ساقچىلار بىلەن ناميىشچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى ناھايىتى چوڭ ئىكەن.
باقېيىف ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن بىر يېرىم يىلدىن بۇيان، خەلقنىڭ نارازىلىقى كۈچەيمەكتە، خەلق باقېيىف ھۆكۈمىتىنىڭ چىرىكلىككە قاتتىق زەربە بەرمەيۋاتقانلىقى، شۇنىڭدەك دېموكراتىك پرىنسىپ بۇيىچە باشقۇرۇش ئېلىپ بارمايۋاتقانلىقى سەۋەبىدىن ئىزچىل تۈردە نارازىلىق بىلدۈرمەكتە.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بېشكەكتىكى ئاساسلىق مەيدانغا 10 مىڭدىن 30 مىڭغا قەدەر ئادەم يىغىلغان بولۇپ، نۆۋەتتە ۋەزىيەت 2005 - يىلى 3 - ئايدا يۈز بەرگەن " لالە ئىنقىلاۋى" غا ئوخشاش، سابىق پرىزىدېنت ئاقايىفنى تەختتىن چۈشۈرۈش ھەرىكىتىگە ئوخشاپ قالغان. نامايىشچىلار، چەتئەل مۇخبىرلىرىغا "باقېيىف تەجىرىبە - ساۋاقلارنى يەكۈنلىمىدى" دېگەن. (ئەقىدە)