قىرغىزىستاندىكى توقۇنۇشتا 18 ئادەم يارىلاندى


2006.11.07

بۈگۈن قىرغىزىستاندىكى ئۆكتىچى گۇرۇھلار بېشكەك شەھىرىدىكى مەركىزى چوڭ مەيداندا ئېلىپ بېرىۋاتقان نامايىشقا 6 كۈن بولدى. قىرغىزىستان ساقچىلىرىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، نامايىش جەريانىدىكى توقۇنۇشتا 18 ئادەم يارىلانغان، نامايىش جەريانىدا قانۇن ئىجرا قىلىش ئورگانلىرىنىڭ ساقچى ئەمەلدارلىرى نامايىشچىلارغا ھېچقانداق مىلتىق ‏- قورال ئىشلەتمىگەن. شۇنداقتىمۇ ئاۋاز بومبىسى ئىشلىتىلگەنلىكتىن نامايىشچىلار قېچىش جەريانىدا ھوشسىزلىنىپ يارىلىنىش ئەھۋالى يۈز بەرگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جياڭ يۆ 7 ‏- نويابىر كۈنى ئېچىلغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن " قىرغىزىستان شاڭخەي ھەمكارلىقى تەشكىلاتىنىڭ مۇھىم بىر ئەزاسى، مەن قىرغىزىستان جەمئىيىتىنىڭ مۇقىم بولۇشىنى، قىرغىزىستان ئىقتىسادىنىڭ تەرەققى قىلىشىنى ۋە شۇنداقلا خەلقىنىڭ خاتىرجەم ياشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن" دەپ بىلدۈردى. (مېھرىبان)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.