قىرغىزىستان مىللىي ئۇچۇر ئاگېنتلىقى "قابار" نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە قىرغىزىستان ھۆكۈمەتلەر ئارا كومىسسىيىسى 15-دەكابىر كۈنى رۇسىيىدە تۇرىۋاتقان 500 مىڭ قىرغىزىستانلىقنىڭ 2007-يىلى رۇسىيىدە قانۇنلۇق تۇرۇپ، تىرىكچىلىك قىلىشىغا يول قويۇش مەسىلىسى بويىچە سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، دەسلەپكى قەدەمدىكى ھۆججەتكە قول قويغان. ھۆججەتنى قىرغىزىستان تەرەپتىن باش مىنىستىرى فېلىكىس قۇلوپ ئىمزالىغان.
ھۆججەتتە كۆرسىتىلىشىچە، قىرغىزىستان تەرەپ رۇسىيىگە رەسمىي يوسۇندا رۇسىيىدە تۇرىۋاتقان قىرغىزىستان ئەمگەكچى كۆچمەنلىرىنى 2007-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا كەچۈرۈم قىلىش ھەققىدە تەكلىپ بېرىدۇ،
رۇسىيە سەھىيە مىنىستىرلىكىنىڭ ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئورگىنى، قىرغىزىستان ئىجتىمائىي ئەمگەك مىنىستىرلىقى ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق فوندى قاتارلىقلار ئورۇنلار رۇسىيىدىكى مەزكۇر كۆچمەن ئەمگەكچىلەرنىڭ پېنسىيە سۇممىسىغا ئېرىشىش، تىزىملىتىش ھەم ئىستراخوۋانىيىگە ئەزا بولۇش قاتارلىق مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ئۈستىدە ئىشلەيدۇ.
ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، قىرغىزىستان ئاھالىسىنىڭ بەشتىن بىرى چەت مەملىكەتكە چىقىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇلار تىل-يېزىق ۋە باشقا قولاي شارائىتلار تۈپەيلىدىن ئاساسلىقى رۇسىيىگە بېرىپ، تىرىكچىلىك قىلىدىكەن.
ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، مۇنداق كۆچمەنلەرنىڭ سانى بىر مىليون ئەتراپىدا بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى رۇسىيىدىن ئىزچىل تۈردە بۇ كۆچمەنلەرنىڭ قانۇنلۇق ئىشلىشى ۋە تۇرۇشىغا يول قويۇشنى تەلەپ قىلىپ كەلمەكتە. ئەمما، رۇسىيە جەمئىيىتىدە كۆچمەنلەرگە قارشىلىق كۆرسىتىش ئەھۋاللىرى ئېغىر بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيالىق، كاۋكازلىق ھەم خىتايلىق كۆچمەنلەرنىڭ دائىم رۇس مىللەتچىلىرىنىگ زەربىسىگە ئۇچراۋاتقانلىقى مەلۇم. (ئۈمىدۋار)
