قىرغىزىستاندا ھۆكۈمەت بىلەن پارلامېنت ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپ بارغانسېرى كۈچەيمەكتە


2006.12.19

قىرغىزىستاندا ھۆكۈمەت بىلەن پارلامېنت ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن ئىختىلاپ، سەيشەنبە كۈنى ھۆكۈمەتنىڭ ئىستىپا بېرىشىگە سەۋەب بولدى.

قىرغىزىستان باش مىنىستىرى فىلكس قولۇف، پارلامېنت تەرىپىدىن ئۆتكەن ئاي قىرغىزىستان ئاساسىي قانۇنىغا كىرگۈزۈلگەن ئۆزگۈرۈشلەر، ھۆكۈمەتنىڭ پارلامېنت بىلەن ئىشلىشىنى ئىمكانسىز ھالغا كەلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى. قولۇف "بىز ئىستىپا بېرىش ئارقىلىق قىرغىزىستاندا تېزدىن يېڭى پارلامېنت سايلىمى ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن ھەسسە قوشۇشقا تىرشىۋاتىمىز" دېگەن. لېكىن ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھۆكۈمەتنىڭ ئىستىپاسىنىڭ قىرغىزىستاندا يېڭى پارلامېنت سايلىمى ئېلىپ بېرىلىشىغا قانداق ھەسسە قوشىدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس ئىكەن. چۈنكى بۇنىڭدىن ئىلگىرى قىرغىزىستان ئاساسىي قانۇنىغا كىرگۈزۈلگەن ئۆزگۈرۈشلەر، پارلامېنتنىڭ 2010‏- يىلىغىچە ۋەزىپىسىنى داۋاملاشتۇرۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىدى. بۇ ئارىدا، قىرغىزىستان پرېزىدېنتى قۇرمانبېك باقىيىف ھۆكۈمەتنىڭ ئىستىپاسىنى قوبۇل قىلدى.

قىرغىزىستان سىياسىي مۇلاھىزىچىسى نۇر ئۆمەروفنىڭ ئېيتىشىچە، قولۇف ھۆكۈمىتىنىڭ ئىستىپا بېرىشى ۋە پرېزىدېنت باقىيىفنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ ئىستىپاسىنى قوبۇل قىلغانلىقى، ئۆزلىرىگە قارشى ئۆكتىچى بىر پارلامېنتنى يوقىتىپ، ئۇلارنىڭ ھەرىكەتلىرىنى قوللايدىغان يېڭى بىر پارلامېنت سايلاپ چىقىشنى مەقسەت قىلغان ئىكەن. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.