قىرغىزىستان پارلامېنتى ئاساسىي قانۇنغا يەنە ئۆزگەرتىش كىرگۈزمەكچى

قىرغىزىستان پارلامېنتى پەيشەنبە كۈنى پرېزىدېنت قورمانبېك باقىيىفنىڭ سالاھىيەت دائىرىسى ۋە ھوقۇقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىشنى قوبۇل قىلدى. ۋا ھالەنكى، بىر قانچە ھەپتە بۇرۇن قىرغىزىستان ئۆكتىچى پارتىيىلىرىنى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق ھەرىكەتلىرىدىن كېيىن، باقىيىف ئاساسىي قانۇندا پرېزىدېنتنىڭ سالاھىيىتىنى ئازايتىش ئۈچۈن ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش توغرىسىدا كېلىشىمگە قول قويغان ئىدى.

قىرغىزىستان پارلامېنتى، قىرغىزىستان باش مىنىستىرى فىلكس قولۇف ھۆكۈمىتى نويابىر ئېيىدا ئاساسىي قانۇنغا كىرگۈزۈلگەن ئۆزگىرىشلەرگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ ئىستىپا بەرگەندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان مۇزاكىرىلەردە پرېزىدېنتنىڭ سالاھىيىتىنى كۆپەيتىشنى ماقۇللىغان. كۆپچىلىككە مەلۇم بولغاندەك، فىلكىس قولۇف ئاساسىي قانۇنغا كىرگۈزۈلگەن ئۆزگىرىشلەر ھۆكۈمەتنىڭ پارلامېنت بىلەن ماسلىشىپ ئىش ئېلىپ بېرىشىنى ئىمكانسىزلاشتۇردى، دەپ مەۋجۇت پارلامېنتى بىكار قىلىپ، يىڭى پارلامېنت ئۈچۈن سايلام ئېلىپ بېرىشقا چاقىرغان ئىدى.

ئامېرىكا بىرلەش ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قىرغىزىستان پارلامېنتىنىڭ رەئىسى مارات سۇلتانوف پرېزىدېنت باقىيىف بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدىن كېيىن بەرگەن باياناتىدا، پرېزىدېنت يېڭى ئاساسىي قانۇندا ئىختىلاپلىق بەزى ماددىلارنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ماددىلارنى ئۆزگەرتىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى، دېگەن.

سىياسىي مۇلاھىزىچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئەگەر تەلەپ قىلىنغان يېڭى ئۆزگىرىشلەر پارلامېنت تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنسا، پرېزىدېنت باقىيىفقا باش مىنىستىر ۋە ئۆلكە باشلىقلىرىنى تەيىنلەش ھوقۇقى قايتۇرۇپ بېرىلىدىكەن. (قانات)