قىرغىزىستان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئالىي يىغىنى ئۆتكۈزۈش تەييارلىقى قىلماقتا


2007.02.11

قىرغىزىستاننىڭ "قابار " ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، قىرغىزىستان پرېزىدېنتى قۇرمانبېك باقىيېۋ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئالىي رەھبەرلىرى يىغىننىڭ بۇ يىل بىشكەكتە ئۆتكۈزۈلۈشى مۇناسىۋىتى بىلەن قىرغىزىستان پۇقرالىرى، ھۆكۈمەت ۋە بىشكەك شەھەر رەھبەرلىرىنى بۇ يىغىننى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەشكە چاقىردى.

خەۋەرگە قارىغاندا، 10-فەۋرالدىكى شەنبىلىك خالىسانە ئەمگەك كۈنى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئۆتكۈزۈلگۈسى يىغىنىغا بېغىشلىغان بولۇپ، قۇرمانبېك باقىيېۋ " شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ خەلقئارالىق ئابرۇيلۇق تەشكىلات ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە بارلىق شەھەر ئاھالىلىرىدىن ئۆزلىرى تۇرىۋاتقان بىنا ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىنى، مەھەللىلەرنى، مەمۇرى ئورگانلار ھەم بارلىق كوچىلارنى ياخشى تازىلاپ تەرتىپكە سېلىشنى تەلەپ قىلغان.

باقىيېۋ يەنە يېقىندا ھۆكۈمەتنىڭ بۇ يىغىننى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن مەخسۇس پۇل ئاجرىتىپ، بۇ پۇللارنى پەقەت شۇ ئىشلارغىلا ئىشلىتىدىغانلىقىنى، ئىلگىرىكىدەك ھۆكۈمەت پۇللىرىنىڭ ئەمەلدارلارنىڭ يانچۇقىغا چۈشۈپ كېتىشتەك قىلمىشلارغا يول قويمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

خەۋەرگە قارىغاندا، بىشكەك شەھەرلىك ھۆكۈمەت شاڭخەي يىغىننىڭ ئېچىلىشىدىن بۇرۇن شەھەر قىياپىتىدا ياخشىلاش ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن قۇرۇلۇشلار ۋە يوللار، سۇ قاناللىرى ھەم باغچىلارنى تەرتىپكە سېلىشنى پىلانلىغان.

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئالىي رەھبەرلىرى يىغىنى بۇ يىل بىشكەكتە ئېچىلىش قارار قىلىنغان بولۇپ، قۇرمانبېك باقىيېۋ قىرغىزىستاننىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يىغىنى ئۆتكۈزۈشى ۋە ئۇنىڭغا تەييارلىق قىلىشىنىڭ قىرغىزىستاننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.

شاڭخەي گۇرۇھىنىڭ يىغىنى ئۆتكەن يىلى 7-ئايدا شاڭخەيدە ئېچىلغان بولۇپ، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ دائىرىسى بارغانسىرى كېڭەيمەكتە. قىرغىزىستان خىتاي بىلەن بىرلىكتە شەرقىي تۈركىستان نامىدىكى ئۇيغۇر سىياسىي ھەرىكىتىگە بىرلىكتە زەربە بېرىشكە پۈتۈشكەن. ئۇيغۇر سىياسەتچىلىرى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تېررورلۇق، بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش نامىدىكى ۋەزىپىلىرىدىن بىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ھەرىكەتلىرىنى يوق قىلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.(ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.