قىرغىزلار يەنە چوڭ نامايىشقا تەييارلىق قىلماقتا

10-مارت كۈنى سابىق قىرغىزىستان باش مىنىستىرى فېلىكىس قۇلوپ ئىشتىراكچىلىقىدىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ " قىرغىزىستاننىڭ ئىپتىخارلىق كېلەچىكى ئۈچۈن" دەپ ئاتالغان بىرلەشمىسى يىغىن ئېچىپ، يەنە بىر قېتىملىق كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلغان.

پەرغانە ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، فېلىكىس قۇلوپ، ئاتاقلىق ئۆكتىچى ئومۇربەك تېكېبايېۋ، مېلىس ئەشىمقانوپ ۋە باشقىلار بىر يەرگە جەم بولۇپ، يىغىن ئېچىپ 11- ئاپرىل كۈنى چوڭ نامايىش ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلغان.

قىرغىزىستان ئۆكتىچىلىرىنىڭ بىرلەشمە فرونتىنىڭ باياناتچىسى ئازامات كالماننىڭ ئاشكارىلىشىچە، يىغىندا 11- ئاپرىل كۈنى نامايىش ئۆتكۈزۈپ، مۇددەتتىن بۇرۇن پرېزىدېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈش ھەمدە ئاساسىي قانۇن ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش قارار قىلىنغان. " ئاساسلىق تەلەپ دۆلەتنىڭ يېڭى ئاساسىي قانۇننى قوبۇل قىلىش، ئەگەردە بۇ تەلەپ بىجا كەلتۈرىلمىسە، بىز مۇددەتتىن بۇرۇن پرېزىدېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈشنى قولغا كەلتۈرىمىز" دەپ بىلدۈرگەن ئۆكتىچى بىرلەشمە فرونتىنىڭ باياناتچىسى ئازامات قالمان.

ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، قىرغىزىستان ئۆكتىچىلىرىنىڭ بىرلەشمىسى ۋە "ئىسلاھات " ھەرىكىتى دەپ ئاتالغان تەشكىلات پرېزىدېنت قۇرمانبېك باقىيېۋتىن ئاساسىي قانۇن ئىسلاھاتىنى 10 ئاپرىلىغىچە ئىجرا قىلىش ۋە باشقا تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىكەن.

2005-يىلىدىكى مارت ئۆزگىرىشىدە پرېزىدېنت ئەسقەر ئاقايېۋنى يىقىتىپ، سايلام ئارقىلىق ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغان پرېزىدېنت باقىيېۋ ۋە باش مىنىستىر قۇلوپ گەرچە بىر يىلدىن ئارتۇق بىرگە ئىشلىگەن بولسىمۇ، بىراق فېلىكىس قۇلوپ يېقىندا پارلامېنت تەرىپىدىن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان. نەتىجىدە ئۇ، ئۆكتىچىلەر تەرىپىگە ئۆتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى. (ئۈمىدۋار)