پەيشەنبە كۈنى 100 دىن ئارتۇق كىشى، قىرغىزىستان پرېزىدېنتىنى يېڭى سايلام ئېلىپ بېرىشقا زورلاش ئۈچۈن، قىغىزىستان پارلامېنتى ئالدىدا ئاچلىق ئېلان قىلدى.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاشلىق ئېلان قىلغۇچىلار، پرېزىدېنت باقىيىفنى 2005- يىلى ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىش جەريانىدا قىرغىزىستاندا ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش توغرىسىدا بەرگەن ۋەدىلىرىگە ئەمەل قىلمىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. شۇنداقلا كېلەر ھەپتە بېشكەكدە كەڭ كۆلەملىك بىر نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بېرىشنى پىلانلىغان قىرغىزىستاندىكى سىياسىي ئۆكتىچىلەر پرېزىدېنت باقىيىفنى، چىرىكلىككە ئارىلاشقان دەپ، ئەيىبلىمەكتە.
گەرچە پرېزىدېنت باقىيىف سىياسىي ئۆكتىچىلەرنىڭ نارازىلىقىنى پەسەيتىش ئۈچۈن، مۆتىدىل بىر سىياسىي ئۆكتىچى بولغان ئالماس ئاتامبايىفنى باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلىگەن بولسىمۇ، ئەمما قىرغىزىستاندىكى سىياسىي ئۆكتىچىلەر باقىيىفنى بۇ ھەرىكىتىگە رازى بولمىغان.
قىرغىزىستاندىكى سىياسىي ئۆكتىچىلەر باقىيىفدىن يېڭى سايلام ئۆتكۈزۈشىنى، ئاساسى قانۇندا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، بىر بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇشىنى تەلەپ قىلماقتا. لېكىن، پرېزىدېنت مۇددىتى 2010 - يىلى ئاخىرىشىدىغان پرېزىدېنت باقىيىف بولسا، مۇددەتتىن بۇرۇن پرېزىدېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈشنى رەت قىلماقتا.
قىرغىزىستان، 2005- يىلى مارت ئېيىدا يۈز بەرگەن خەلق قوزغىلىڭىدىن بېرى، سىياسىي مۇقىمسىزلىق، نارازىلىق ھەرىكەتلىرى ۋە سىياسىي سۈيقەستلەرگە سەھنە بولۇپ كەلمەكتە. (ئەقىدە)