قىرغىزىستاندىكى نامايىشلار ئۆزلۈكسىز داۋاملاشماقتا


2007.04.14

قىرغىزىستاندا 4‏-ئاينىڭ 12‏- كۈنى سىياسىي ئۈكتىچىلەر تەرىپىدىن پرېزىدېنت باقىيېف ھاكىمىيىتىگە قارشى باشلىتىلغان نارازىلىق ھەرىكىتى داۋاملاشماقتا. جۈمە كۈنى بېشكەكدىكى پرېزىدېنت ساراي ئالدىدا توپلانغان 5 مىڭ ئەتراپىدا نامايىشچى پرېزىدېنت باقىيېفغا قارشى شۇئارلار توۋلاپ، ئۇنىڭ پرېزىدېنت ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىشىنى تەلەپ قىلدى. شەنبە كۈنى بولسا، نامايىشچىلار قىرغىزىستان دۆلەت تېلېۋىزىيىسى بىناسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، تېلېۋىزىيە ئىدارىسى باشلىقلىرىنى پرېزىدېنت باقىيېفنى قوللاپ خەۋەر بېرىشىنى توختىتىشقا چاقىردى.

قىرغىزىستان سىياسىي ئۆكتىچى ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرى، پرېزىدېنت باقىيېف تەلەپلىرىنى قوبۇل قىلمىغىچە، نارازىلىق ھەرىكىتىنى توختاتمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئۇلار پرېزىدېنت باقىيېفتىن ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىپ، قىرغىزىستاندا يېڭى پرېزىدېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈشىنى تەلەپ قىلماقتا.

قىرغىزىستاندىكى سىياسىي كرىزىس 2005‏- يىلى پرېزىدېنت ئەسقەر ئاقايىف ھاكىمىيىتى، خەلق قوزغىلىڭى بىلەن گۇمران بولغاندىن بېرى داۋاملاشماقتا. قىرغىزىستاندا سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ كەسكىنلىشىشى ھەم ئامېرىكا ھەم رۇسىيىنى قاتتىق ئەندىشىلەندرۈمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ چارشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، قىرغىزىستاندىكى ۋەزىيەتتىن قايغۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرى، قىرغىزىستاندىكى سىياسىي كرىزىسنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قوشنا دۆلەتلەرگە تەسر يەتكۈزۈپ، رايوندا سىياسىي مۇقىمسىزلىققا سەۋەب بولۇشىدىن ئەندىشە قىلماقتا.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۆزبېكىستان ۋە قازاقىستان قاتارلىق قىرغىزىستانغا قوشنا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى، مەزكۇر دۆلەتلەردىكى ئۆكتىچى ھەرىكەتلەرنىڭ، قىرغىزىستاندا پرېزىدېنت باقىيېف ھاكىمىيىتىگە قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى ئۈلگە ئېلىشىدىن ئەندىشە قىلىدىكەن. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.