قىرغىزىستاندىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ ئالا-توۋ مەيدانىدىكى نارازىلىق نامايىشلىرى تۆتىنچى كۈنگە كىردى. خەۋەرلەردىن قارىغاندا، ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار ئارىسىدا كىچىك دائىرىدە قالايمىقانچىلىق يۈز بېرىپ، بىر قانچە ئادەم قولغا ئېلىنغان، مەلۇماتلارغا قارىغاندا، يەكشەنبە كۈنى ئالا توۋ مەيدانىدىكى ئاچلىق ئېلان قىلغان ئۆكتىچىلەر ئىككى مىنۇت تىنچ تۇرۇش شەكلى بىلەن ئاچلىق ئېلان قىلىش ھەرىكىتىگە قاتنىشىپ، قازا قىلغان بىر ئۆكتىچىنىڭ ئۆلۈمىگە ماتەم بىلدۈرگەن.
قىرغىزىستاننىڭ "24 سائەت" دەپ ئاتالغان ئۇچۇر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 53 ياشلىق ئۆكتىچى بېك تېمىر ئاقۇنوپ 5-ئاپرىل كۈنى باشقا 60 نەپەر ئاچلىق ئېلان قىلغۇچى بىلەن بىرگە بۇ ھەرىكەتكە قاتناشقان بولۇپ، 14-ئاپرىل كۈنى ئۆلگەن.
ئۆلگۈچىنىڭ ئۆلۈم سەۋەبى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس، بۇ ھەقتە تۈرلۈك پەرەزلەر مەۋجۇت، بىر قىسىم كىشىلەر ئۇنىڭ يۇرتى نارىنغا كېتىۋاتقىنىدا ئۆلگەنلىكىنى ئېيتسا، يەنە بەزىلەر قىرغىزىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ئۇنىڭ نارىن ئوبلاستىدىكى تۈرمىگە تاشلانغانلىقى، 14-ئاپرىل كۈنى ئۇنىڭ ئۆز كۆڭلىكى بىلەن ئۆزىنى ئېسىلىۋالغان جەسىتىنىڭ تېپىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا. يەنە بەزى ئۇچۇرلاردا ئۇنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن ئۇرۇلغانلىقى ئېيتىلغان.
پەرغانە ئاگېنتلىقىنىڭ تارقاتقان ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، قىرغىزىستان ئۆكتىچى رەھبەرلىرىدىن بىرى فېلىكىس قۇلوپ، يەكشەنبە كۈنى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، دۈشەنبە كۈنى ئۆكتىچىلەرنىڭ پرېزىدېنت قۇرمانبېك باقىيېۋنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىش ھەققىدىكى يېڭى تەلىپىنى رەسمىي ئېلان قىلىدىغانلىقى شۇنىڭدەك مەزكۇر مەسىلىنىڭ پارلامېنتقا قويۇلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. (ئۈمىدۋار)