قىرغىزىستاندا ئۆكتىچى ھەرىكەت رەھبەرلىرى سوراق قىلىنماقتا
2007.04.21
بىخەتەرلىك قىسىملىرىنى ئىشقا سېلىش ئارقىلىق، قىرغىزىستان ئۆكتىچى ھەرىكىتى تەرىپىدىن بېشكەكدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان نارازىلىق نامايىشىنى تارقىتىۋەتكەن قىرغىزىستان دائىرىلىرى، شەنبە كۈنى قىرغىزىستان سىياسىي ئۆكتىچىلىرىنىڭ رەھبىرى فىلىكس قولۇفنى سوراق قىلغان.
قىرغىزىستان ساقچىلىرى پەيشەنبە كۈنى قىرغىزىستان ئۆكتىچىلىرىنىڭ 9 كۈن داۋاملاشقان نارازىلىق ھەرىكىتىنى تارقىتىۋەتكەن ئىدى. نامايىشچىلار پرېزىدېنت باقيىفنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىپ، قىرغىزىستاندا يېڭى پرېزىدېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈشىنى تەلەپ قىلماقتا.
سابىق قىرغىزىستان باش مىنىستىرى ۋە قىرغىزىستان ئۆكتىچى ھەرىكىتى بىرلەشمە سەپ ئىتتىپاقىنىڭ رەھبىرى بولغان فىلكىس قولۇف، قىرغىزىستان بىخەتەرلىك دائىرىلىرىنىڭ تۆت سائەت داۋاملاشقان سوراقلىرىدىن كېيىن مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، قىرغىزىستان مىللىي بىخەتەرلىك كومىتېتى خادىملىرىنىڭ ئۇنى پەيشەنبە كۈنى پرېزىدېنت باقىيىفنىڭ سارىيى ئەتراپىدا ئېلىپ بېرىلغان نامايىشنىڭ شاھىدى سۈپىتىدە سوراق قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
قولۇف ھۆكۈمەت دائىرىلىرى، نارازىلىق ھەرىكىتىنى باستۇرۇش ئۈچۈن، نامايشچىلارنى جىدەل چىقىرىشقا قۇتراتقان دەپ ئەيىبلىمەكتە.
پەيشەنبە كۈنى پرېزىدېنت سارىيى ئەتراپىدا نامايىشچىلار بىلەن قىرغىزىستان ساقچى قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا 8 ساقچى خادىمى ۋە 7 نامايىشچى يارىلانغان. قىرغىزىستان بىخەتەرلىك دائىرىلىرى بۇ توقۇنۇشلاردىن كېيىن، 34 نەپەر ئۆكتىچى ھەرىكىتى پائالىيىئەتچىسىنى تۇتقان ھەمدە سىياسىي ئۆكتىچىلەرنىڭ رەھبەرلىرىنى سوراق قىلماقتا.
خەۋرلەرگە قارىغاندا، پەيشەنبە كۈنىدىكى توقۇنۇشلاردىن كېيىن، نارازىلىق ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرۇش ياكى توختىتىش مەسىلىسىدە قىرغىزىستان ئۆكتىچى ھەرىكىتى ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپ چىققان. ئىسلاھات ئۈچۈن ھەرىكەت ئۆكتىچى گۇرۇپپىسىنىڭ رەھبىرى قۇباتبەك بايبولۇف، جۈمە كۈنى پرېزىدېنت باقيىفقا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان نامايىشتىن چىكىنىدىغانلىقىنى جاكارلاپ، پرېزىدېنت باقىيىفنىڭ ئىستىپاسىنى تەلەپ قىلشىتىنمۇ ۋازكەچكەنلىكىنى بىلدۈردى. (قانات)