قىرغىزىستاندا قولغا ئېلىنغان سىياسىي ئۆكتىچى ھەرىكەت رەھبەرلىرى قويۇپ بېرىلدى
2007.04.28
قىرغىزىستان دائىرىلىرى شەنبە كۈنى، قىرغىزىستاننىڭ پايتەختى بېشكەكتە ھۆكۈمەتكە قارشى ئېلىپ بېرىلغان نارازىلىق نامايىشلىرىدىن كېيىن، قولغا ئېلىنغان قىرغىزىستان سىياسىي ئۆكتىچى ھەرىكىتىنىڭ ئۈچ رەھبىرىنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
قىرغىزىستان باش تەپتىشى ئەلمۇرزا ساتۋالدىيىفنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قىرغىزىستاننىڭ سابىق ئىچكى ئىشلار مىنستىرى ئۆمەربېك سۇۋانالىيىف قاتارلىق ئۈچ ئۆكتىچى رەھبىرى 4 كۈن تۇتۇپ تۇرۇلغاندىن كېيىن جۈمە كۈنى ئاخشىمى قويۇپ بېرىلگەن. ئەمما ئۇلار ئۈستىدىكى تەكشۈرۈش تېخى ئاخىرلاشمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ قىرغىزىستاندىن ئايىرىلىشىغا رۇخسەت بېرىلمەيدىكەن.
قىرغىزىستان سىياسىي ئۆكتىچى ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرى، قىرغىز بىخەتەرلىك قىسىملىرى پرېزىدېنت باقىيىفنىڭ سارىيى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشنى ياش ئاققۇزىدىغان ۋە ئاۋاز چىقرىدىغان بومىلار ئىشلىتىش ئارقىلىق تارقىتىۋەتكەندىن كېيىن، قىرغىز ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن خەلقنى توپىلاڭ چىقىرىشقا كۈشكۈرتكەن دېگەن جىنايەت بىلەن تۇتۇلغان ئىدى.
قىرغىزىستاندا 2005- يىلى ئەسقەر ئاقايىف ھاكىمىيىتىنىڭ بىر خەلق قوزغىلىڭى بىلەن گۇمران بولۇشىدىن كېيىن، باشلىغان سىياسىي كرىزىس ھازىرغىچە داۋاملاشماقتا.
قىرغىزىستاندىكى سىياسىي ئۆكتىچىلەر، ئەسقەر ئاقيافدىن كېيىن ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن باقىيىفنى، پرېزىدېنت سايلىمىدا بەرگەن ۋەدىلىرىگە ئەمەل قىلمىغان ۋە چىرىكىلىكنىڭ ئالدىنى ئالمىغان دەپ ئەيىبلىمەكتە. (قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- قىرغىزىستاندىكى ۋەزىيەت
- دېمۇكىراتىيە ۋە نامايىشلار ھەققىدە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىلى قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندى بىلەن سۆھبەت
- قىرغىزىستاندا ئۆكتىچى ھەرىكەت رەھبەرلىرى سوراق قىلىنماقتا
- قىرغىزىستان ئۆكتىچىلىرىنىڭ نارازىلىق نامايىشلىرى داۋاملاشماقتا
- قىرغىزىستاندا ۋەزىيەت جىددىيلەشمەكتە