قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى مارت ئىنقىلابىنى دۆلەت بويىچە دەم ئېلىش كۈنى قىلىپ بېكىتتى

قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى 3-ئاينىڭ 24-كۈنى پارتلاپ، پرېزىدېنت ئەسقەر ئاقايېۋنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان كۈنىنى دۆلەت بويىچە بايرام كۈنى قىلىپ بېكىتى.

پەرغانە رۇ ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 3-مارت كۈنى پرېزىدېنت قۇرمانبېك باقىيېۋ بۇ ھەقتە رەسمى بىلدۈرۈش ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىرچە بۇ كۈننى "خەلق ئىنقىلابى غەلىبە كۈنى" ۋە ياكى "ئادالەت كۈنى" دەپ ئاتاش مەسىلىسىدە تېخىچە ئېنىق قارار چىقىرىلمىغان بولۇپ، پات يېقىندا بۇ بايرامنىڭ رەسمى نامى بېكىتىلىدۇ.

مەلۇمكى، ئۆتكەن يىلى 24-مارت كۈنى ئۆكتىچى تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىكىدە بىشكەك شەھىرىدە كەڭ كۆلەملىك نامايىش يۈز بەرگەن ،نەتىجىدە، نامايىشچىلار پرېزىدېنت بىناسىغا باستۇرۇپ كىرگەن ھەمدە ، پرېزىدېنت ئەسقەر ئاقايېۋ بىشكەكتىن موسكۋاغا قېچىپ بېرىۋالغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۆكتىچىلەر دەرھال ھۆكۈمەت تەشكىللىگەن ھەمدە ئۆتكەن يىلى ئىيۇل ئېيىدائى سايلام ئۆتكۈزۈلۈپ، قۇرمانبېك باقىيېۋ قىرغىزىستان پرېزىدېنتى بولۇپ سايلانغان.

ئۆكتىچىلەر 3-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن ئېتىبارەن قىرغىزىستاندا دېموكراتىيىنىڭ تەرەققىياتى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىنغان ئىدى. دېمەك،قىرغىزىستان دېموكراتلىرى ئۆزلىرىنىڭ غەلىبە كۈنى دۆلەتلىك بايرام كۈنى قىلىپ بېكىتكەن.(ئۈمىدۋار)